ئالىملار سامان يولى سىستېمىسىدا غايەت زور بىر پىلانتنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى
ئالىملار سامان يولى سىستېمىسىدا غايەت زور بىر پىلانتنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى.
دۇنيادىن 11 مىڭ نۇر يىلى ئۇزاقلىقتىكى بۇ پىلانت تەرەققىياتىنى تولۇق تاماملىغاندا قۇياشتىن 100 ھەسسە چوڭلۇقتا بولىدىكەن.
ياۋروپا جەنۇبىي يېرىم شار ئاسترونومىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ چىلىدىكى ئاتاجاما چۆلىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان غايەت زور چوڭلۇقتىكى تېلېسكوپى يېڭى بىر پىلانتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا قۇياش ئېغىرلىقىدىن 500 ھەسسە ئېغىر ئىكەنلىكى ۋە سامان يولىدا ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ چوڭ بۇ «پىلانت»نىڭ نۆۋەتتە تاماملىنىش باسقۇچىدا ئىكەنلىكى ۋە بارغانچە چوڭىيىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ پىلانت سىپىتزېر قاراڭغۇ بۇلۇتى ئىچىدە بايقالدى.
ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان بۇ پىلانتنىڭ ناھايىتى تىزلا ھاسىل بولغانلىقىنى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بالىلىق دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئېيتقان ئېسو ئالىملىرى، پىلانتنىڭ ئېغىرلىقى ۋە بالدۇر شەكىللىنىش باسقۇچىدا بايقىلىشىنىڭ زور ھاياجان پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. دەرۋەقە سامان يولىدا بۇنداق بىر پىلانتنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىمالى 10 مىڭدە بىر ئىكەن.
ئالىملار يېڭى بايقالغان بۇ پىلانتنىڭ تۈرتكىسىدە غايەت زور پىلانتلارنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىشماقتا.
ھازىرغىچە ئالەمدە بايقالغان ئەڭ چوڭ پىلانت بولسا'NML Cygni' بولۇپ 5300 نۇر يىلى يىراقلىقتا. بۇ پىلانت قۇياشتىن 1650 ھەسسە چوڭ.