ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  پەن -تېخنىكا

«دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرۇقلۇق جەڭ ئەترىتى» قويۇلۇش جەھەتتە يېڭى رېكورت ياراتتى

ۋاقتى : 2015-03-11  مەنبەسى : ۋاڭيى تورى  يوللىغۇچى : باتۇرجان ئابلەت  

900x600_AAMFHMK900B50003.jpg

2014-يىلى 11- ئايدا ، «دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرۇقلۇق جەڭ ئەترىتى» شىمالى ئامېرىكىدا قويۇلغان ۋاقتىدا 2014 - يىلى ئەڭ كۆپ بىلەت سانى ياراتقان ئالاھىدە ئۈنۈم بىرلەشتۈرۈلگەن فىلىم «پىلانېتلار ئارا ھالقىش» نىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ رەت تەرتىپتە بىرىنچى ئورۇنغا چىققان ئىدى ، ھەمدە باھالىغۇچىلار ۋە مەستانىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان . بۇ فىلىم يۈكسەك بولغان تەسەۋۋۇر كۈچى ئاساسىدا شەرق - غەرب مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بىر يېڭى «سان فىرانسېسكو» نى  بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ ، 23 رايون ، 82000 قۇرۇلۇش ، 400000مىڭ تۈپ دەرەخ ۋە كوچا چىراغلىرى ھەمدە ماشىنا ۋە ئادەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
 

900x600_AAMFHN4V00B50003.jpg

فىلىمدە ئاق كۆڭۈل ماشىنا ئادەمنىڭ كىچىك كەشپىياتچىغا ياردەملىشىپ ، ئاكىسى ئۈچۈن قىساس ئېلىشقا تەڭ كۈچ چىقارغانلىقى بايان قىلىنىدۇ .

900x600_AAMFHNHA00B50003.jpg

بۇ ماشىنا ئادەم ئەمەلىيەتتە بىز باشقا كىنولاردا كۆرگەندەك ھەممە يېرى تۆمۈردىن ياسالغان ماشىنا ئادەم بولماستىن ، بەلكى ئىچىدە خۇددى ئومۇرتقىغا ئوخشايدىغان تۆمۈردىن ياسالغان قىسمى بولغان ، قالغان قىسمىغا يەل تولدۇرۇش ئارقىلىق ئادەم شەكلىگە كېلىدىغان ماشىنا ئادەمدۇر .

بۇ ماشىنا ئادەم ئەمەلىيەتتە بۇ كىچىك كەشپىياتچىنىڭ ئاكىسى ياسىغان ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلەلەيدىغان بىر ماشىنا ئادەم بولۇپ ، ھەرگېز باشقىلارغا تەھتېد ئېلىپ كەلمەيدۇ . بىراق فىلىمدە بۇ كىچىك كەشپىياتچى ئاكىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ ماشىنا ئادەمگە تۆمۈردىن كىيىم ياسايدۇ ، ئۇچالايدىغان قىلىدۇ ، ھەمدە ھەرخىل پىروگراممىلارنى ئۇنىڭ مېڭىسىگە قاچىلاش ئارقىلىق ، ئۇنىڭغا مۇشتلىشىشنى  ئۆگىتىدۇ .
900x600_AAMFHO1H00B50003.jpg

فىلىم ئاخىرىدا ماشىنا ئادەم كىچىك كەشپىياتچى ۋە بىر قىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ .

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا