ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

بارادى مۇرسىيغا تۇزاق قۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋاقتى : 2013-08-28  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 27-ئاۋغۇست خەۋىرى: مىسىرنىڭ دېموكراتىك يوللار بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن تۇنجى خەلق سايلىغان پرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسىغا قۇرۇلغان رەزىل تۇزاقلارنىڭ تەپسىلاتى ئوتتۇرىغا چىقتى. 
ھەربي ئۆزگىرىش قىلغۇچىلار تەرىپىدىن مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىققا تەيىنلەنگەن، ئەمما كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن مۇھەممەد بارادى سابىق ئاغدۇرۇلغان پرېزىدېنت ھۈسنى مۇبارەك قاتارلىق دۆلەتتىكى ئارقا كۈچلەرنىڭ مۇھەممەد مۇرسىيغا تۇزاق قۇرغانلىقىنى ئېيتتى. بارادى، "مۇبارەك ھۆكۈمىتى" دۆلەتتە مەۋجۇتلىقىنى قوغداۋاتىدۇ" دېدى. ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن دېموكراتىيە ئارىسىدا كەل-كەت بىلەن ياشىغان سابىق ئۆتكۈنچى پرېزىدېنت ياردەمچىسى مۇھەممەد بارادى، مىسىر ھۆكۈمىتىگە رەزىل تۇزاق قۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.
بارادى، مۇرسىيغا دۆلەتتىكى ئارقا كۈچلەرنىڭ تۇزاق قۇرغانلىقىنى ئېيتىپ، دۆلەتتە ھازىرمۇ مۇبارەك ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. بارادى؛ "2011-يىلى ئىنقىلابىدىن 2 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ مىسىردا مۇبارەك ھۆكۈمىتىنىڭ قالدۇقلىرى ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ. مەن مۇرسىينىڭ بەزى تەرەپلەردە ھەقلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. چۈنكى ئۇنىڭغا تۇزاق قۇرغان ۋە سۈنئى كىرزىسلار پەيدا قىلغانلار دۆلەتنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچلەرنىڭ ئۆزىدۇر" دېدى. 
بارادىينىڭ يازما باياناتى بىر قانچە ئەرەب گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىندى. بارادى، مۇرسىينىڭ تۇنجى قىلىشى كېرەك بولغان ئىشنىڭ " سوتنى تازىلاش" كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بارادى، "مۇبارەك ھۆكۈمىتى تەشكىل قىلغان ئارقا كۈچلەر مۇرسىينىڭ سايلاملاردا غەلبە قازىنىدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدى ۋە ھاكىمىيەتكە كېلىشىگە قارشى تۇرمىدى. ئەمما كېيىن ئۇنى ئاغدۇرۋېتىش ئۈچۈن پىلانلار تۈزدى، سۇيقەستلەر ئۇرۇنلاشتۇردى، سۈنئىي كىرزىسلار پەيدا قىلدى. يەنى 30-ئىيۇن ۋەقەلىرى ئىلگىرى پىلانلانغان ۋە تەييارلانغان ئىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە گەپ بولۇنغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەد بىلتاجى، ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى ھەرىكەت قىلغۇچىلارنىڭ قۇرال ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدىكى داۋالارغا جاۋاب بېرىپ: « قۇرال كۆتۈرگەن بولساق نىمىشقا ئەۋلاتلىرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلەتمىدۇق؟» دەپ سۇئال قويدى، ۋە «يۈزلەرچە  مۇسۇلمان قېرىنداشلار يىتەكچىلىرى ئۆيلىرىدە قولغا ئېلىندى ۋە ھېچبىرى قۇرال بىلەن قارشىلىق بىلدۈرمىدى» دەپ سۆز قىلدى.
بۇ ئارلىقتا ھەربىي ئۆزگىرىش قىلغان ھۆكۈمەت بولسا كەلگۈسىدىكى كېلىدىغان ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىشى قىيىن بولغان بىر ئاساسى قانۇن تۈزۈشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ. ئاساسى قانۇن تۈزۈش خىزمەتلىرىگە دۆلەتتىكى سەلەفى نۇر پارتىيسىمۇ ياردە بېرىۋاتىدۇ. مىسىردا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنى قولغا ئېلىش ھەرىكەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ.
(جان پولات)
ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا