كەئىبە ئەتراپىغا تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن پولاتتىن ئىككى قەۋەتلىك چەمبەر مەيدان ياسالماقتا.
سەئۇدى ئەرەبىستاندا «پادىشاھ ئابدۇللاھ بىن ئابدۇلئەزىز كەئىبىنى كېڭەيتىش لايىھەسى» دائىرىسىدە راۋاقلار ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن، قۇرۇلۇش سۈرئىتى تېزلەشتى.
ھەرەمدىكى قۇرۇلۇشلار سەۋەبلىك تاۋاپ مەيدانى كىچىكلەپ كەتكەنلىكتىن، كەئىبە ئەتراپىغا ئىككى قەۋەتلىك پولات چەمبەر ياسالماقتا.
سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى، ھەج داۋامىدا مۇسۇلمانلارنىڭ قىيىنچىلىق تارتماسلىقى ئۈچۈن بۇ خىل ئۇسۇلنى ئويلاپ تاپقانلىقلىرىنى، بۇنىڭ سايىسىدە ئۆمرە ۋە ھەج قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كەئىبە ئەتراپىدا راھەت شەكىلدە تاۋاپ قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ۋاقىتلىق ياسىلىدىغان تاۋاپ مەيدانىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئېچىۋېتىلىدۇ. ئاستىنقى قەۋىتى رامىزان ئاخىرلاشقاندا ھەج ۋاقتىدا ئېچىۋېتىلىدۇ. كەئىبە ۋە ئەتراپىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى لايىھەسى تاماملانغاندىن كېيىن، كەئىبە ئەتراپىغا ياسالغان بۇ ۋاقىتلىق قۇرۇلۇشلار ئېلىۋېتىلىدۇ.