سۈننى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ بىلىم يۇرتى بولغان ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نۇرغۇن ئالىملىرى ۋە دەۋەتچىلىرى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چوڭ ئىمامى شەيىخ ئەخمەد تايىپنىڭ پرېزىدېنت مورسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بىرىشنى تەلەپ قىلدى.
دەۋەتچى شەيىخ خالاف سوھاگى ئالىملار ۋە دەۋەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن يىغىندا "بىز ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى چىرىكلەشكەن كىشىلەرنى ۋە سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوللىغان چوڭ ئىمامنى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلىماقچى،" دىدى.
يەكشەنبە كۈنى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا، مىسىردا تۇنجى قېتىم دېموكراتىيە ئارقىلىق سايلانغان پرېزىدېنت مورسىنى قوللاش ئۈچۈن «دەۋەتچىلەرنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى» يىغىنى ئېچىلدى.
كۈچلۈك ئارمىيە 7-ئاينىڭ 3-كۈنى مىسىردىكى چوڭ نامايىش بىلەن بىرگە مورسى ھاكىمىيتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.
بىر قىسىم سىياسىيونلار، ياشلار ۋە شەيىخ تايىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنى رەھبەرلەرنىڭ ياردىمى بىلەن، ئارمىيە ئاساسىي قانۇننى ۋاقىتلىق توختىتىپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسىنى ۋاقىتلىق پرېزىدېنت قىلدى.
پرېزىدېنت بايانات ئېلان قىلغاندىن باشلاپ، ئالىي پالاتا ئىسلامىستلار كونتۇرۇللىقىدىكى شۇرا كومىتېتنى تارقىتىۋەتتى.
مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھۆرلۈك ۋە ھەققانىيەت پارتىيسىنىڭ رەھبەرلىرى قولغا ئېلىندى ھەمدە ئىشپىيونلارنىڭ شىكايىتىگە، سوتچىلارنىڭ ھاقارىتىگە ئۇچىرىدى.
مورسىنىڭ ساداقەتچىلىرى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا چوڭ تىپتىكى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھەربىي سىيساسىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلىدى ھەمدە بارلىق قوراللىق باستۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
مورسى ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىكى زاكات ئىشلىرى مىنىستىرى تەلئەت ئافىفى يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا «بۇ بىر سىياسىي ئۆزگىرىش» دىدى.
مۇئاۋىن مىنىستىر جامال ئابدۇساتتار «بىز بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشتە تۇرغۇزۇلغان قانۇننى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايمىز» دىدى.
بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئەڭ ئاخىرقى باياناتى ئافىفى تەرىپىدىن ئوقۇلدى، بۇ باياناتتا پرېزىدېنت، شۇرا كومىتېتى ۋە ئاساسىي قانۇننىڭ قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشى تەلەپ قىلىندى.
بۇ باياناتتا يەنە ئىسلامىستلارغا قارتىلغان زوراۋانلىقنى دەرھال توختىشنى ۋە مورسىنى ئاغدۇرىۋەتكەندىن كېيىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئەمەلدارلار تاقىۋەتكەن ئىسلام قاناللىرىنى قايتا ئېىچىشنى تەلەپ قىلدى.
(تەرجىمان: خىكارۇسان)