ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

تۈركىيە، ئىران ۋە ئەرەب يوق كوچا

ۋاقتى : 2013-08-02  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  


    ئاپتورى: ئاننى-مارى سلوتېر (ئامېرىكا)

    تەرجىمىدە: نەپرەت
     
    غەربلىكلەرنىڭ نەزىرىدە، ئوتتۇرا شەرق سىياسىيسى ئۇلارنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم تارتتى. ئىراننىڭ نەزەرىيىچى موللىلىرى روھانىينىڭ سايلىنىشىنى تەستىقلىدى، روھانىي پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن بىرىنچى قېتىملىق نۇتۇقىدا ئۆزىنىڭ غەلىبىسى «ئەقىل پاراسەت، سەۋرىچانلىق ۋە چۈشىنىشنىڭ ئەسەبىيلىك ۋە يامان قىلمىشتىن غەلبە قىلىشى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
    ئىران خەلقى ئېنىقلا كۆپ قىسىم ئادەم قوللايدىغان نامزاتنىڭ (6 نەپەر قاتتىق قول نامزاتنى بېسىپ چۈشتى) غەلبە قىلىشىدىن قاتتىق خۇشال بولدى، ئۇلار كوچىلارغا چىقىپ «خەلق» نىڭ غەلبىسىنى تەنتەنە قىلىشتى. سالماق بىلەن مۇلاھىزە يۈرگۈزگەندە، بۇ بىر مەيدان ئىنچىكە كونترول قىلىنغان سايلام: ئايەتۇللاھ ھامىنىينىڭ ھوقۇقىغا خىرىس قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بارلىق نامزاتلار ئەمەلىيەتتە چىقىرىۋېتىلگەن. ئەمما، شۇنچە چەكلىمە ئىچىدىمۇ، ھۆكۈمەت يەنىلا خەلقنى بېلەت تاشلاشقا، سۆز قىلىشقا رۇخسەت قىلدى. 
    ئىراننىڭ قوشنىسى، غەرب ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىسلام دېموكراتىك دۆلىتى تۈركىيەدە، باش مىنىستىر ئەردوغان توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى، ياش ئاققۇزۇش گازى، سۇ پومپىسى ۋە رېزىنكە ئوقلار بىلەن ئىستانبول شەھەر مەركىزىدىكى تاكسىم مەيدانى ۋە غازى باغچىسىدا ئۇنىڭ ئىرادىسىگە باش ئەگمىگەن تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلغۇچى ئاممىنى تازىلىدى. ئەردوغاننىڭ ھۆكۈمەت نەزەرىيىسى مۇنداق: چۈنكى ئەردوغاننى يەنىلا ئۇنى قوللايدىغان كۆپ سانلىق تۈركىيەلىكلەر سايلاپ چىققان، شۇڭا ئۇنىڭغا قارشى تۇرغان ھەر قانداق ئادەم تېرورچى بولمىسىلا، چوقۇم رەزىل چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ئىتى. ئۇ قانۇنلۇق ئۆكتە چىقىشنى قوبۇل قىلالمايدۇ ھەم بۈگۈنكى كۆپ سانلىق ئەتىكى ئاز سانلىق بولۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىنى قوبۇل قىلالمايدۇ، ئويۇن قائىدىسى چوقۇم ئاز سانلىق ۋە كۆپ سانلىق ھەممىسىدە بولىدىغان ئىدىيە.
    4 يىل ئىلگىرى، نەچچە يۈز مىڭ ياش ئىرانلىق تېھران كوچىلىرىغا چىقىپ ئەھمەد نىجادنىڭ قايتا پرېزىدېنت بولىشىغا قارشى تۇردى، ئىران ھۆكۈمىتى ئۇلارغا ئوق چىقاردى. نامايىش دەھشەتلىك باستۇرۇلدى، قاتناشقۇچىلار قولغا ئېلىندى، تۈرمىگە كىردى ھەمدە ئاڭلاشلارغا قارىغاندا باسقۇنچىلىققا ۋە خورلاشقا ئۇچرىغان، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىناۋىتىنى يەرگە ئۇرۇپلا قالماي، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى نەچچە ئون مىليون ياشنى ئۈمىدسىزلەندۈردى، ئۇلار ناھايىتى تېزلا قوزغىلىپ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھوقۇقىنى تەلەپ قىلدى.
    ئوخشاشلا بۇ نەچچە ئون مىليون ياشقا نىسبەتەن، ئەردوغان بىر قەھرىمان. ئۇ 2011-يىلى 9-ئايدا مىسىر، تۇنىس ۋە لىۋىيەنى زىيارەت قىلغاندا قەھرىمان كەبى قارشى ئېلىشقا سازاۋەر بولدى. ئۇ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ياۋروپا خرىستىئان دېموكراتىك پارتىيىسىگە ئايلاندۇردى، ئىقتىسادىي ئېشىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سىياسىتى ۋە ئەركىن سايلامنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈردى.
    بۈگۈنكى كۈندە، ئەردوغان ھۆكۈمىتى بىلەن ئەرەب ياشلىرى قوزغىلىپ قارشى تۇرغان ھۆكۈمەتنىڭ ھېچقانداق پەرقى قالمىدى، ئۇ مۇخبىرلارنى ئەيىبلەپ پۇرسەتپەرەس «يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋەزخانلار» تۈركىيە ئىقتىسادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى دېدى. ئۇ يەنە سۇرىيە پرېزىدېنتى بەشار ئەسەدنىڭ كىتابىنىڭ مەلۇم بېتىنى نەقىل قىلىپ، نامايىشچىلارنى بەدبەشىرلەشتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە نامايىشچىلارنى داۋالىغان سەھىيە خادىملىرى ۋە مېھمانخانا خوجايىنلىرىنى قويۇپ بەرمىدى.
    تۈركىيە ئەلۋەتتە ئىران ئەمەس، ئەكسىچە بولسىمۇ شۇنداق. ئەمما ئىككى دۆلەتنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى سېلىشتۇرغاندا چىقارغان ساۋاق پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونىغا بىردەك ماس كېلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ھېچ بولمىغاندا ئاتاقتا دېموكراتىيە ھەققىدە لاپ ئۇرغىلى بولىدىغان بۇ دۇنيادا، «خەلق» نىڭ ساداسى ھەل قىلغۇچ مۇھىم. «خەلق» نىڭ ساداسى زوراۋانلىق ئارقىلىق ھەرگىز ئېرىشكىلى بولمايدىغان، مەبلەغ سېلىش ۋە ئېشىشنى ئەڭ ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان قانۇنلۇق بېرىدۇ.
    ئەلۋەتتە، «خەلق» ئەزەلدىن يەككە ئەمەس: ئۇلارنىڭ ساداقەتمەنلىكى ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاسانلا قۇتراتقۇلۇققا ئۇچرايدۇ، ئۇلار دائىم قارشى تۇرۇش سەۋەبلىك يىغىلىدۇ، چەكلەش بۇيرۇقى سەۋەبلىك تارقىلىپ كېتىدۇ. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، زور تۈركۈم ئامما دەس تۇرۇپ (ياكى جىمجىت ئولتۇرۇپ) سادا چىقىرىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ، زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇش ھەر ۋاقىت كۆرۈلۈشى مۇمكىن بولسىمۇ باش تارتمايدۇ، بۇ گراژدانلار ۋە پۈتكۈل دۇنياغا بەزى نەرسىلەرنىڭ زور خاتالىق ئىكەنلىكىنى جاكارلاشقا ئوخشايدۇ.
     ھامىنىي ۋە ئۇنىڭ ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىغۇچى يولداشلىرى 2009-يىلدىكى سىياسىي بوران-چاپقۇندىن تىنچ ئامان ئۆتۈۋالدى، ئەمما ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنىڭ كىيىمى ئاللاقاچان يىرتىلىشقا باشلىدى. بەك زىددىيەتلىك تۈستە بولغىنى، روھانىينىڭ سايلىنىشى ئۇلارنىڭ سىياسىي ھىيلە-مىكىرىنى كۈچەيتتى. گەرچە ئەردوغان نامايىشچىلارنىڭ ئەرۋاھىنى قۇتىغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلالىسىمۇ، ئۇنىڭ ھوقۇقى كېلەر قېتىملىق چوڭ سايلامدىن ئىلگىرى قاتتىق ئاجىزلايدۇ.
    ئىران ۋە تۈركىيەنىڭ يېقىنقى نەچچە يىلدىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئىككىنچى ساۋىقى شۇكى، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر مۇستەبىتلىك ۋە ئىلاھىي ھاكىمىيەتتىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، ھەر خىل باشقۇرۇلىۋاتقان دېموكراتىيەگە قاراپ ماڭدى. ئەركىن باراۋە سايلام ۋە ئاساسىي قانۇنى پۈتكۈل ئاۋامنىڭ شەخسىي ھوقۇقىنى قوغدايدىغان سىياسىي تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرگەن بولسىمۇ، پۈتۈنلەي ئەركىن ۋە دېموكراتىك دەپ ئاتاشقا سالاھىيىتى توشىدىغان بىرمۇ دۆلەت يوق.
     
    ئۇزۇندىن بۇيان، ئىران ئىزچىل ئامېرىكا دېپلوماتىيە سىياسىتى ئانالىزچىسى فارىد زاكارىيا ئېيتقىنىدەك «ئەركىن بولمىغان دېموكراتىيە» دەپ ئاتىلىپ كەلدى. تۈركىيەنى ئېلىپ ئېيتساقمۇ، گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر ئەردوغاننى مۇخبىر ۋە گېنراللارنى قولغا ئالدى دەپ ئەيىبلىسىمۇ، ئەركىن دېموكراتىك يولغا ماڭغان ئىدى؛ لېكىن بۈگۈنكى كۈندە، پۈتكۈل دۇنيا ئۇنىڭ ماشىنىنى تەتۈر ھەيداۋاتقانلىقىنى كۆردى.
    ئەڭ ئاخىرقى بىر ساۋاق شۇكى، بىخەتەر ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن سىناق تەنقىدنى قوبۇل قىلىش قىلالماسلىقىدۇر. بولۇپمۇ ئەردوغان، ئۇ خەلقنىڭ ئۆزىنى قاراملىق بىلەن تەنقىد قىلغانلىقى سەۋەبلىك قاتتىق غەزەپلەندى.
    ئەردوغان ئىپادە بىلدۈرۈپ، غازى باغچىسىنىڭ تەغدىرىگە كۆڭۈل بۆلگەن نامايىشچىلار بىلەن مۇرەسسەلەشكەندىن كېيىن (ئەڭ دەسلەپتە نامايىشنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى غازى باغچىسىنى چېقىش پىلانى)،  مېنىڭ  Twitterدىكى ئەگەشكۈچۈم نەتىجىسىدىن ناھايىتى رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە نامايىشچىلارنىڭ ئۆيىگە قايتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى، چۈنكى «ئۈچ ھەپتە يېتەرلىك بولغان» ئىدى. ئەمما نېمە يەرلىك بولدى؟
    ئۇنتۇپ قالمايلى، 2011-يىلى مانخاتتوندا پارتلىغان «ۋال كوچىسىنى ئىشغال قىلىش» ھەركىتى توپتوغرا ئۈچ ئاي داۋاملاشتى. نيۇيورك شەھەرىنىڭ باشلىقى ئەڭ ئاخىرىدا نامايىشنى بىكار قىلدى، ئەمما ئاساسلىقى سالامەتلىك ۋە سەھىيە ھەمدە ئەتراپتىكى ئولتۇراق رايوندىكى ئاممىنىڭ ئالاقىدار شىكايەتلىرىنى ئويلاشقانلىقتىن بولغان. نامايىش باشلانغان كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قلىش يىغىنىدا، نيۇيورك شەھىرىنىڭ باشلىقى مايكول بلۇمبېرگ:«خەلقنىڭ نامايىش قىلىش ئەركىنلىكى بار، ئەگەر ئۇلار نامايىش قىلماقچى بولسا، بىز ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن نامايىش قىلىش ئۈچۈن ئورۇن بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى.
    بۇنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ، سۇرىيەدە «خەلق» قوزغىلىپ نامايىش قىلدى، قوراللىق باستۇرۇلدى، قولىغا قورال ئېلىپ كۈرەش قىلدى، كونترول قىلىندى، ئاندىن زىيانكەشلىكى كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان دىنىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۆچ ئېلىش ئايلانمىسى باشلاندى. ئىران ۋە تۈركىيە بۇ باسقۇچقا بارمىدى. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلىش، شىكايەت قىلىش، سىياسىي سۆھبەت ھەمدە ئەڭ ئاخىرى يېڭى سايلام ئۆتكۈزۈش ئىران ۋە تۈركىيەنى ھەمدە مەزكۇر رايوننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىچكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرىدىن كۆپ ياخشى ئامالغا ئىگە قىلىدۇ. 
     ئاپتورى ئاننى-مارىيە سلوتېر ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ سابىق سىياسەت پىلانلىغۇچىسى (2009-2011)، پىرىنسىتون ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ۋە خەلقئارا ئىشلار پرافىسسورى. «ئامېرىكىنىڭ ئىدىيىسى: خەتەرلىك دۇنيادا ئېتىقاد ۋە قىممەت قاراشنى ساقلاش» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى.
ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا