پرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ ئاغدۇرلىشىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى.
دۇنيا خەۋەر تورى 16-ئىيول خەۋرى:
دۈشەنبە كۈنى ئىئوردانىيە پايتەختى ئامماندىكى مىسىر كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا مۇھەممەد مۇرسىنى قوللاش ئۈچۈن يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى.
قانۇن ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن تەشكىللەنگەن ئىئوردانىيە ئاممىۋى كومىتېت ئەزالىرى مىسىر كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، مۇرسىنى ئاغدۇرىۋەتكەن دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇل فەتاخقا قارشى نامايىش قىلدى.
ئىئوردانىيەدە ئوقۇۋاتقان نۇرغۇنلىغان تۈركىيەلىك ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ نامايىشقا قاتناشتى.
نامايىش قىلغۇچىلار مىسىر كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدىلا ئىپتار قىلدى ۋە شام نامىزى ئوقۇدى.
پرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ ئاغدۇرلىشىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى.
تەرجىمان: نۇرئەلى