ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ش ئا ئە ت تۈركىيە تۇتقۇنلىرى ۋەقەسى ھەققىدە جىددىي يىغىن ئاچتى

ۋاقتى : 2014-06-12  مەنبەسى : يەر شارى تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

DUE2XD07J$TOR4A1E0%4JL6.jpg

يەر شارى تورىنىڭ 12-ئىيۇندىكى خەۋىرى (ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى): رۇسىيە ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ش ئا ئە ت دىكى ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ش ئا ئە ت كېڭىشى 11-ئىيۇن ئىراق موسۇل شەھىردە يۈز بەرگەن تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە خادىملىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە جىددىي يىغىن ئاچقان. يىغىن تۈركىيەنىڭ تەلىپى بويىچە ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا كېڭەشكەن.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، تۈركىيە ش ئا ئە ت دىكى شىرىكلىرىگە موسۇلنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان، تۈركىيەنىڭ باش كونسۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالىرى موسۇلدا تۇتقۇن قىلىنغان.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ يىغىندا ش ئا ئە ت ئەھدىنامىسىنىڭ 4-ماددىسىنى ئىشقا سېلىش مەسىلىسىنى سۆھبەتلەشمىگەن. مەزكۇر ماددىدا ئەگەر بىرەر ئىتتىپاقدىشى ئۆز زېمىنىنىڭ پۈتۈنلىكىگە تەھدىت كۆرۈلدى دەپ قارىسا، ش ئا ئە ت دىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن كېڭىشىشى بەلگىلەنگەن. ئۇ يەنە ش ئا ئە ت نىڭ نۆۋەتتە تۈركىيە دائىرلىرىنىڭ ھېچقانداق ياردەم تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئاشقۇن قوراللىق تەشكىلات «ئىراق ۋە لەۋەنت ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئەزالىرى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى تۈركىيەنىڭ موسۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، باش كونسۇل، دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ۋە باشقا خىزمەتچى خادىملاردىن بولۇپ 49 ئادەمنى تۇتقۇن قىلىۋالدى. دەسلەپكى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار نۆۋەتتە قوراللىق ئۇنسۇلارنىڭ شەھەر ئىچىدىكى باش ئىشتابىدا ئىكەن.

پۈتكۈل نىنىۋىيە ئۆلكىسى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ كونتروللىقىدا تۇرماقتا. ئۇلار يەنە كىركۇك ئۆلكىسىنىڭ بىر قاتار ئاھالىلەر رايونى ھەمدە شىمالدىكى سالاھىدىن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى تىكرىت شەھىرىنى ئىشغال قىلىۋالدى.

ئانا تۇپراق تورى تەرجىمە قىلدى.

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا