ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

سۇرىيەگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلىشتا يەر يۈزى قىسىملىرىنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج

ۋاقتى : 2014-09-12  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلى

 





 
جۇڭگو خەۋەرلەر تورى 12-سېنتەبىر خەۋىرى ، «بۈگۈنكى ئامېرىكا» گېزىتىنىڭ 11-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ يەر ۋاقتى 10-سېنتەبىر كەچتە سۇرىيەگە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمى ھەرىكىتىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھاۋا ئارمىيە قوماندانىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئوباما سۈرىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئوڭۇشلۇق ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئويلىسا يەنىلا يەر يۈزى قىسىملىرىنىڭ ماسلىشىشىغا مۇھتاج بولىدىكەن.
بۇ ئىسمىنى ئاشكارلاشىنى خالىمىغان قوماندان مۇنداق دېدى: ئامېرىكا جەڭگاھقا ئۇچقۇسىز ئايروپىلان ئەۋەتىپ، جەڭگاھتا تەسىۋىر چۈشۈرۈپ ھەمدە يوشۇرۇنغان نىشانلارنى تېپىپ چىقسا تامامەن بولىدۇ. بىراق مۇشۇنداق چاغلاردا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ مەشغۇلاتچىسى جەڭگاھتىكى يەر يۈزى قىسمى بىلەن ئالاقىلىشالىسا يەر يۈزى قىسمى دەرھاللا زەربە بېرىش نىشانىنى بېكىتەلەيدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا بىرۇكىنىس ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ ھەربىي ئىشلار ئانالىزچىسى مايىك ۋىرخامنىڭ ئېيتىشىچە، ئىراققا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىش سۈرىيەگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانغا قارىغاندا ئاسانكەن. چۈنكى ئىراقتا كۆپ تەربىيە كۆرگەن زەربىدار ئەترەت كۇرد قوراللىقلىرى بار، ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ماسلىشىپ يەر يۈزىدىن ھۇجۇم قوزغىيالايدىكەن، سۈرىيەدە بولسا ئامېرىكا ئارمىيەسى پەقەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ قوراللىق خادىملارنىڭ تەربىيلىشى ھەم ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا كۆنۈشى كېرەككەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ يەر ۋاقتى 10-سېنتەبىر تېلېۋىزىيە نۇتقى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ «ئىسلام دۆلىتى» رادىكال تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش سېتىراتىگىيەسىنى ئومۇمىيۈزلۈك بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى :  ئامېرىكا ھۇجۇمى قوزغاپ ھەم ئىتتىپاقداشلارنىڭ يەر يۈزىدە ئۇرۇش قىلىش قىسملىرىنى قوللاش شەكلى ئارقىلىق «ئىسلام دۆلىتى» نى ئاجىزلاشتۇرىدۇ ھەم ئاخىرىدا ئۇنى يوقىتىدۇ. ھازىر ئىراققا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قىلىچە ئىككىلەنمەي سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى «ئىسلام دۆلىتى» قوراللىقلىرىغا ھەرىكەت قوللىنىشنى قارار قىلدۇق.
ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا