ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى كىشىلەر بىلمەيدىغان ئالتە «ھەقىقەت»

ۋاقتى : 2014-09-13  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلى

  


ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ۋە يادرو تەھدىتىگە ئىشىك ئېچىپ بەردى. ئۇرۇشنىڭ كۆلىمى، ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەر، ئۆلگەن، يارىلانغانلار سانى قاتارلىق نۇقتىلاردىن قارىغاندا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تارىختا بىردىنبىر ئۇرۇش ئىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەينى چاغدا تالاش-تارتىش قىلىنمايدۇ، دەپ قارالغان پاكىتلارنىڭ ماھىيىتىدە ئۆزگىرىش بولدى، قىسمەن چۈشەندۈرمىلەر كىشلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى.
1. ئۇرۇش 1937-يىلىدىن باشلانغان. 1939-يىلى 1-سېنتەبىر ياۋروپادا ئۇرۇش باشلانغان كۈن، ئەمما ئاسىيادا ئىككى يىل ئىلگىرىلا ئۇرۇش باشلانغان. بۇ ئۇرۇش سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسىنىڭ پولشاغا كىرىپ، گېرمانىيە بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىنىڭ ئىجرا بولۇشىغا تۈرتكە بولغان. ياپونىيە شەرمەندىلەرچە مەغلۇپ بولغان بۇ ئۇرۇشتىن چوڭقۇر تونۇشقا كەلگەن، يەنى گىتلېر سوۋېت ئىتتىپاقىغا تانكا دېۋىزىيەسى ئەۋەتكەندە، ياپونىيە گىتلېرنى قوللىمىغان. ستالىن سىبىرىيەدىكى قوشۇنىنى موسكۋانى قوغداشقا يۆتكەپ، گېرمانىيە ئارمىيەسىنى توسقان، شۇڭا ئۇرۇش 1937-يىلى ئاسىيادىن باشلانغان.
2. پولشا ئەنگلىيە، فرانسىيەنىڭ جەڭ ئېلان قىلىشىدىكى سەۋەب.
دەرسلىك كىتابلاردا ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيەنىڭ گېرمانىيەگە جەڭ ئېلان قىلىشى پولشانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن، دەپ ئېلىنغان، ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى پەقەت ماكىنو مۇداپىئە سېپىنىڭ كەينىگە مۈكۈۋېلىپ، پولشاغا ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمىگەن، پولشالىقلار ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيەنىڭ ھۇجۇمىنىڭ پولشا ۋەزىيىتى ئازراق بولسىمۇ پەسەيتىدىغانلىقىنى كۈتكەن، بىراق ئۇلار كۈتكەن ھۇجۇم روياپقا چىقمىغان.
3. كۆپ دۆلەت ئۇچقۇچىلىرى لوندوننى قوغداشقا قاتناشقان.
گېرمانىيە فرانسىيەنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ئەنگلىيە بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشنى نىشانلىغان. كېيىن بۇ نىشانىغا يېتەلمىگەن گېرمانىيە ئەنگلىيەگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، ئۇلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولغان. ھېچكىم بۇنىڭ ئۇرۇشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانمىغان، بىراق ئەنگلىيە سوقۇش ئايروپىلانلىرى 10 ئايدا گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيەسىنى چۈشەپ قويغان ھەم ھاۋا ھۇجۇمىنى توختىتىشقا مەجبۇرلىغان. ئەڭ چاتاق بولغىنى زور تۈركۈمدىكى ئۇچقۇچىلار ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ ئۇچقۇچىلار پولشا، فرانسىيە، چېخوسلوۋاكىيە، كانادا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن.
4.گىتلېر ستالىنغا خاتا ھۆكۈم قىلغان.
گىتلېرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەسكەر چىقىرىشى تارىخىي خاتالىق بولۇپلا قالماي، چىقىش نۇقتىسىدىلا خاتالىق يۈز بەرگەن. گىتلېر سوۋېت ئىتتىپاقىلىقلارنى گېرمانىيە بىلەن بولغان بىر مەيدان ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارىغان، بىراق دەل ئەكسىچە، موسكۋا 1939-يىلى ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان كېلىشىمنى قاتتىق ئىجرا قىلغان، ھەتتا گېرمانىيە ئارمىيەسى تاجاۋۇزچىلىق قوزغاشتىن بىر نەچچە مىنۇت ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى گېرمانىيەگە تەمىنلەپ بەرگەن ئۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى قاچىلانغان پويىز چېگرادىن ئۆتكەن.
5. نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىشنىڭ ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى زور ئەمەس.
نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىش سۈبھىسىزكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ھالقىلىق ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى، ئەمما ەۇمانلىنىشقا ئەرزىيىدىغان تەرىپى شۇكى، بۇنىڭ ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتەلىگەنلىكى. دەرۋەقە بۇ ھەرىكەت گېرمانىيەنىڭ ھەر قانداق قىسىمىنى شەرقىي لىنىيەدىن غەربىي لىنىيەگە يۆتكىيەلمىگەن.
6.ياپونىيە ئاتوم بومبىسىنىڭ تاشلانغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا يەتكۈزگەن.
ياپونىيە مەغلوپ بولغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئارىغا ئادەم سېلىش ئارقىلىق تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزمەكچى بولغان ھەم پادىشاھنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان، بىراق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ھېچقانداق تەلەپنى قوبۇل قىلمىغان. سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالىمىغان، چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقى جەڭ ئولجىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدىلا غايىب بولۇشىنى ئۈمىد قىلمىغانىدى. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ئەينى چاغدىكى زۇڭتۇڭى تىرۇمېن ياپونىيەگە ئاتوم بومبىسى تاشلاش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. بۇ ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشىنى تېزلەتكەن، بىراق ئەڭ مۇھىم بولغىنى ياپونىيە موسكۋاغا ئامېرىكىنىڭ ئاتوم بومبىسى ياسىغانلىقى ھەم قىلچە ئىككىلەنمەي ئىشلىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر ئەۋەتكەن.

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا