سىياسىيونلار كۈنبويى سىياسىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن ئالدىراش يۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارام ئالىدىغان چاغلىرى كۆپ ئەمەس. كۆپىنچە كىشى ئۇلارنىڭ ئارام ئالغان چاغلىرىدا قانداق ئىشلارنى ياقتۇرىدىغانلىقىغا قىزىقىدۇ.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما گولف توپ ئويناشقا ئامراق. ئۇ ئارام ئالغان چاغلىرىدا دوستلىرى بىلەن گولا توپ ئوينايدۇ.
ئامېرىكا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوباما زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن بۇيان 20 قېتىم ئارام ئالغان.
روسىيەدە زۇڭتۇڭلارنىڭ ئارتۇق ئارام ئېلىش كۈنى بولىدىكەن، ھەر يىلى خىزمەت تارىخىغا قاراپ بىر كۈن قوشۇپ ئارام ئالالايدىكەن، لېكىن ھەممىنى قوشقاندا 45 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن. ئەگەر ئالاھىدە چوڭ ئىش بولۇپ قالمىسا، پۇتىن ئادەتتە ئاۋاغۇستتا ئارام ئېلىشنى تاللايدىكەن. ئۇ ئارام ئالغان چاغلىرىدا ئات مىنىش، بېلىق تۇتۇش، ئايروپىلان ھەيدەش، كاتېر ھەيدەش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.
گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل ھەر يىلى ئارام ئالغان چاغلىرىدا شىۋېيتسارىيەنىڭ سانكىت مورىتز دېگەن يېرىگە بارىدىكەن. ئۇ قارا تېيىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن.
بۇ يىل 6-يانۋار گېرمانىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى مېركىلنىڭ شىۋېيتسارىيەگە ئارام ئالغىلى بارغاندا، قار تېيىلىپ پۇتىنى سۇندۇرۇۋالغانلىقىنى ئېيتقان.
كورىيە زۇڭتۇڭى پاك گيۇنخاي: كۆپ ۋاقىتلاردا مەلۇماتنامىلەرنى كۆرىمەن، دېگەن. ئۇ ئىت بېقىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇنىڭ ئىككى ئىتى بار ئىكەن