جۇڭگو-پاكىستاننىڭ ھەبىي سودىسى ئون نەچچە يىل ئىلگىرىكى J-6 دىن باشلانغان. تۇنجى تۈركۈمدىكى پاكىستان ئۇچقۇچىلىرى 1965-يىلى جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىگە كېلىپ J-6 كۈرەشچى ئايروپىلانى ئۇچۇش تېخىنىكىسىنى ئۆگەنگەندىن بۇيان، جەمئىي 253 يۈرۈش J-6 كۈرەشچى ئايروپىلانى پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسىدە 30 يىلدىن ئارتۇق ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىدى. پاكىستان ئارمىيەسى 100 تۈردىن ئارتۇق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئامېرىكىدا ياسالغان AIM-9 ھاۋادىن ھاۋاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى.
2002-يىلى، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم J-6 كۈرەشچى ئايروپىلانى پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسىدە ھەربىي ۋەزىپىدىن چېكىنگەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىر يۈرۈش پاكىستان-جۇڭگو بايرىقى چۈشۈرۈلگەن نۇسخا خاتىرە سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىنغان. 1971-يىلى پاكىستان-ھىندىستان ئۇرۇشىدا، J-6 كۈرەشچى ئايروپىلانىدىن 945 يۈرۈش قاتناشتۇرۇلغان.
1985-يىلى پاكىستان بىر تۈركۈم J-7M دىن ئۆزگەرتىلگەن J-7P سېتىۋالغان.
پاكىستان ئارمىيەسى جۇڭگودىن 85 ھەم 59 قاتارىدىكى بىر تۈركۈم تانكىلارنى سېتىۋالغان.
پاكىستان ئارمىيەسى ھىندىستانغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگودىن A100 قاتارىدىكى يىراق مۇساپىلىق راكىتا سېتىۋالغان.
پاكىستان ئارمىيەسى جۇڭگودىن سېتىۋالغان « قىزىل يا ئوقى-8» تىپىدىكى تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋالغان.
پاكىستان ئارمىيەسى جۇڭگودىن 56-2 زەربىدارلار ئاپتوماتى سېتىۋالغان.
پاكسىتان ئارمىيەسى جۇڭگودىن بىر تۈركۈم F22P باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغدىغۇچى پاراخوت سېتىۋالغان.
پاكسىتان جۇڭگودىن« شەرق شامىلى -11» تىپىدىكى يەردىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋالغان.