يەرشارى
تورى خەۋىرى
11-سىنتەبىر فرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگو ئەڭ يېڭى ھەربىي ئەسلىھەسى «قىزىل بايراق-10» يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئاشكارلغان.
ئورگان تەرەپ تىلۋىزىيەسىنىڭ 10-سىنتەبىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، بۇخىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتا ھەرىكەتلىنىدىغان ھەربىي ئەسلىھەدىن قويۇپ بېرىلىدۇ، كېيىن ھاۋادىكى ئالدىن بېكىتىلگەن نىشاننى تارمار قىلىدۇ. بىر چەكلىك رايوندا، ئۇ ھەربىي پاراخوتنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىراشتىن قوغداپ قالىدۇ، يەنە «رايون خاراتېرلىك مۇداپىئە سېستىمىسى» گە ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ دىيىلگەن.
خەۋەردە دىيىلىشىچە، «قىزىل بايراق-10» دېڭىز يۈزىدىن 1.5 مېتىردىن 10-مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۈشمەن نىشانلىرىنى تارمار قىلالايدىكەن، ئۇ 10 سىكۇنىت ئىچىدە نىشاننى قارغا ئېلىپ بولالايدىكەن.
ئىگەللىنىشىچە، بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا يەر يۈزى قىسىمىنى «كۈرەشچى ئايروپىلان، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سنارەد» نىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداشقا ئىشلىتىلىدىكەن.