ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

تايلاندتا قوراللىق ئوق چىقىرىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ بەش ئادەم ئۆلدى

ۋاقتى : 2014-09-12  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلى

 

تايلاندتا قوراللىق ئوق چىقىرىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ بەش ئادەم ئۆلدى

شىنخۇا تورىنىڭ 11 – سېنتەبىر باڭكوكتىن بەرگەن تېلېگراممىسى،  تايلاند تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى پاتتانى ۋىلايىتىدە 11 – چىسلا قوراللىق ئوق چىقىرىش ۋە پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بەش ئادەم ئۆلۈپ، بەش ئادەم يارىلانغان. ئۆلگەن، يارىلانغانلارنىڭ ئىچىدە شۇ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە ئاددىي پۇقرالىرى بار ئىكەن.
«باڭكوك پوچتا گېزىتى» نىڭ شۇ يەرلىك ساقچى تەرەپ تەكشۈرۈش خادىمى سۇلىننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى پاتتانى خۇسلوپ رايونىدىكى بىر يەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا يۈز بەرگەن. شۇ كۈنى چۈشتە، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر نەچچە قوراللىق ئۇنسۇر ماشىنا ۋە موتسىكلىت ھەيدەپ بۇ بىنانىڭ ئالدىغا كەلگەن، ھەمدە بىنا ئىچىنى ئوققا تۇتقان، بىنادىكى خىزمەتچىلەر پاتپاراق بولۇشۇپ قېچىشقان، ھەمدە بەزىلىرىگە ئوق تېگىپ يارىلانغان.
سۇلىن مۇنداق دېدى، قوراللىق ئۇنسۇرلار دېلو يۈز بەرگەن جايدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن شۇ ئىشخانا بىناسى ئەتراپىغا ئىككى پارتلىتىش قۇرۇلمىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىزمەتچىلەر، داۋالاش خادىملىرى ۋە ئامما شۇ ئىشخانا بىناسى ئەتراپىغا توپلاشقان ۋاقىتتا بومبىنى پارتلاتقان. ساقچى تەرەپنىڭ كېيىن بايقىشىچە، قوراللىق ئوق چىقىرىش ۋە پارتلاشتا بىر ئاددىي پۇقرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا بەش ئادەم ئۆلۈپ، يەنە بەش كىشى يارىلانغان. ئىشخانا بىناسى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولۇپ كەتكەن.
شۇ كۈنى، پاتتانى يالىندىكى يەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىمۇ ئوخشاشلا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، بىراق بۇ يەردە ئۆلۈم يېتىم بولمىغان.
2004 – يىلدىن بۇيان، تايلاندنىڭ جەنۇبىدا بۆلگۈنچى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيىتى جانلىنىپ كەتتى. ئىستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، پارتلىتىش، ئوق چىقىرىش، تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلىرىدە ھازىرغىچە 5900 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈپ، ئونمىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
تايلاند يىڭلۇك ھۆكۈمىتى 2013 – يىلنىڭ باشلىرىىدن باشلاپ جەنۇبتىكى بۆلگۈچى تەشكىلاتلار بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى توسۇشنى ئۈمىد قىلغان، بىراق بۇنىڭ ئانچە نەتىجىسى بولمىغان. تېنچلىق سۆھبىتىمۇ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ۋاقتىنچە توختاپ قالغان. يېقىندا، يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن زۇڭلى بايۇ تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن قايتىدىن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا