ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرى جۇڭگونىڭ 200 يۈك ماشىنىسىنى توسۇۋالدى

ۋاقتى : 2014-06-12  مەنبەسى : يەر شارى تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

SNOP296F~_K[T17O_XCOZPR.jpg

يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ 12-ئىيۇندىكى خەۋىرى (ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى): رۇسىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 6-ئاينىڭ 10-كۈنى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش ئوبلاستىدا مىللىي توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 4 يىللىق خاتىرە كۈنى. يېقىندا، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىنىڭ ۋەزىيىتىدە يەنە داۋالغۇش كۆرۈلگەن، قىرغىزىستاننىڭ تۈرمىدە يېتىۋاتقان سابىق پارلامېنت باشلىقىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئوش ئوبلاستى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئىستراتېگىيىلىك يولدا 15 چېدىر تىككەن ھەمدە تاش قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن يولنى ئۈزۈۋەتكەن. نامايىشچىلار پارلامېنت باشلىقىنى قويۇپ بېرىشنى ھەمدە يەرلىك كۆمۈر كاننى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.

يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن نامايىشچىلار كۆپ قېتىم سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ نەتىجە چىقمىغان. يەرلىك دائىرىلەرمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللانمىغان، تاشيولمۇ ھازىغا قەدەر تاقىلىپ قالغان. جۇڭگودىن بارغان 200 نەچچە يۈك ماشىنىسى يول توسۇلۇپ قالغانلىقتىن مەنزىلگە بېرىشقا ئامالسىز قالغان. تول توسۇش جۇڭگودىن قىرغىزىستاننىڭ توپ، پارچە سېتىش بازىرىغا تۇرمۇش بۇيۇملىرى توشۇپ ماڭغان يۈك ماشىنىسى خوجاينلىرىغا زىيان سالغان.

ئوش ئوبلاستىدىكى قىزىل بۇلاق كۆمۈر كېنىغا جۇڭگونىڭ بىر كۆمۈرچىلىك كارخانىسى 14 مىليون 400 ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ ئاچقان، 40 يۈرۈش كۆمۈر قېزىش ئەسلىھەسى بار، ئوش ئوبلاستىنىڭ %90 دىن كۆپ كۆمۈرىنى بۇ كارخانا ئىشلەپ چىقىرىدۇ. 

 

ئانا تۇپراق تورى تەرجىمە قىلدى.

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا