ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئىران زۇڭتۇڭى 18 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۈركىيەنى زىيارەت قىلدى

ۋاقتى : 2014-06-10  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئابدۇللا

خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى. ئىران زۇڭتۇڭى روھانى شۇ يەر ۋاقتى 9-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەگە يېتىپ بېرىپ، تۈركىيەدىكى ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى، بۇ، ئىران زۇڭتۇڭىنىڭ 1996-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۈركىيەنى زىيارەت قىلىشى.
روھانى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئايرىم ھالدا تۈركىيە زۇڭتۇڭى گۈل ۋە تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قوش تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنىرگىيە، تاموژنا، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تېرورىزىمغا زەربە بېرىش قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمكارلىقى ھەمدە سۇرىيە ۋە مىسىر قاتارلىق رايۇنلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. ئىككى دۆلەت شۇ كۈنى يەنە ئىقتىساد، مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە ساھەسى، ساياھەتچىلىك كەسپى، تېلگراف كەسپى، پوچتا ۋە تاموژنا مۇلازىمىتى ھەمدە دۆلەت ھالقىغا تېرورىزىمغا ئورتاق زەربە بېرىش قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرگە چېتىلىدىغان 10 تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى.
گۈل بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، روھانى بىلەن گۈل بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى. مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى، ئىران-تۈركىيە ئىككى دۆلەتنىڭ رايۇندا ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئاشقۇنلۇق ۋە تېرورىزىمغا ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە زەربە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ھەمدە، سۇرىيە مەسىلىسىدە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە ئوتتۇرا شەرق رايۇنىدا يادرو قورالى قاتارلىق زور كۆلەمدە قىرغىن قىلىش خاراكتېرلىق قوراللارنىڭ پەيدا بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇراجەت قىلدى. روھانى، ئىران-تۈركىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئىككى دۆلەتكە پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، رايۇنغىمۇ ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. گۈل، روھانى ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ ئىراننىڭ خەلقئارادا يېتىم قېلىش ھالىتىدىن قۇتۇلۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، شۇ ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا جامائەتچىلىكى ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا، روھانىنىڭ بۇ قېتىم تۈركىيەنى زىيارەت قىلىشىغا چۈشەنچە بېرىپ، روھانىدىن ئىبارەت بۇ مۆتىدىل كونسېرۋاتېپ زۇڭتۇڭ بۇلتۇر ئاۋغۇستتا تەختكە چىققاندىن بۇيان ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەن بىر خىل مۆتىدىل دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ داۋامى، شۇنداقلا ئىراننىڭ خەلقئارادا يېتىم قېلىش ھالىتىدىن قۇتۇلۇشتا باسقان يەنە بىر مۇھىم قەدىمى دەپ قاراشتى. ئەمەلىيەتتە، تۈركىيە ۋە ئىران ئىككى دۆلەت مەيلى نوپۇس، يەر مەيدانى ياكى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى جەھەتتە ئاساسەن ئوخشاش سەۋىيەدە بولغانلىقتىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىزچىل بىر خىل ئىنتايىن نازۇك ھالەتتە تۇرۇپ كەلگەن، ئىراننىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى باياناتچىسىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيىتقاندا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەت خۇددى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق مەنپەئەتكە ئوخشاشلا كۆپ. بىر جەھەتتىن، تۈركىيە بىلەن ئىران ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ساھەسىدە تېخىمۇ شۇنداق، بۇ قېتىم ئىمزالانغان 10 تۈرلۈك ھۆججەتنىڭ كۆپ قىسمى ئىقتىساد-سودا، ئېنېرگىيە ۋە مەدەنىيەت ساھەسىگە قارىتىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى تەرەپمۇ 2015-يىلىدىكى قوش تەرەپلىك سودا سوممىسىنى 30 مىليارت ئامېرىكا دوللىرىغا كۆپەيتىشنى بېكىتتى، روھانى بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ تۇنجى قېتىملىق ستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. بۇ ئەھۋاللاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىككى دۆلەت ئىقتىساد-سودا ساھەسىدىكى ھەمكارلىققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئىككى دۆلەت يەنە جۇغراپىيەلىك سىياسىي ساھەدە ئۈستۈنلۈك تالىشىپ ئاشكارە-يۇشۇرۇن تىركەشتى، بولۇپمۇ يېقىنقى بىرقانچە يىلدىكى سۇرىيە مەسىلىسىدە، ئىككى دۆلەت باشتىن-ئاخىر تىغمۇ-تىخ تىركەشتى، ئىران بولسا ئاساد ھاكىمىيىتىنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى، تۈركىيە بولسا سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللايدۇ. ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا كورد بۆلگۈنچى كۈچلىرى مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن تۇرۇقلۇقمۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسدا ھېچقانداق ھەمكارلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايلا قالماستىن، يەنە دائىم ئۆز چېگرىسى ئىچىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنى قوللىدى دەپ ئۆزئارا بىر-بىرىنى ئەيىپلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى، يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى، بۇ نۇقتا ئىران ئۈچۈن تۈركىيەدىن ئېھتىيات قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى.
تەھلىلچىلەر يۇقارقى سەۋەپلەرگە ئاساسەن، روھانىنىڭ بۇ  قېتىمقى زىيارىتى بىر تەرەپتىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى رايۇن مەسىلىلىرىدىكى ئىختىلاپ كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر قىسىم ئارازلىقلارنى تۈگىتىشنى ئۈمىد قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۆۋەتتە ئىران يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئىرانغا قارىتىلغان جازا بىكار قىلىنىشتىن ئۈمىد تۇغىلىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى، بولۇپمۇ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋەت تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، شۇڭا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش شۈبھىسىز ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ كۆرسەتتى.
 

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا