ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

چاۋشىيەننىڭ ئىچكى دوكلاتىدا جۇڭگو قەبىھ قوشنا دېيىلگەن

ۋاقتى : 2014-06-08  مەنبەسى : سەھەر تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

article-0-1E4E49B200000578-25_634x408.jpg

بىرلەشمە تورىنىڭ 7-ئىيۇندىكى خەۋىرى (ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى): كورىيە مېدىيەلىرى خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشىيەن ئەمگەك پارتىيىسى 4-ئايدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جۇڭگو كومپارتىيىسىنى قەبىھ قوشنا، ئامېرىكا تەرەپتە تۇرۇپ، بىزنىڭ يادرو ئىقتىدارىمىزنى ئەيىبلىدى، دەپ قاتتىق تەنقىد قىلغان.

كورىيەنىڭ مەركىزىي گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چاۋشىيەندە پىسخىك ئۇرۇشقا مەسئۇل بولغان قاچقۇن شائىرنىڭ دېيىشىچە، ئەمگەكچىلەر پارتىيىسى 4-ئايدا ئىچكى قىسىمدا «جۇڭگودىن ۋاز كېچىش تەسەۋۋۇرى» ناملىق ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلغان، جۇڭگونى «ئامېرىكا بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىدىغان قەبىھ قوشنا» دەپ قاتتىق تەنقىد قىلغان، كارخانىلارغا جۇڭگو بىلەن سودىسىنى ئازايتىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

ئۇقتۇرۇشتا جۇڭگو كومپارتىيىسى «پەقەت پۇل-مەنپەئەتنىلا قوغلىشىپ، غايىسىگە سەل قارايدىغان تەشكىلاتقا ئۆزگىرىپ كەتتى» دەپ كۆرسەتكەن، يەنە «جۇڭگو بىر رەززىل قوشنا، ئامېرىكا تەرەپتە تۇرۇپ، بىزنىڭ يادرو قورالى ياساش ئىقتىدارىمىزنى تەنقىد قىلىدۇ» دېگەن، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلەپ، كارخانىلاردىن جۇڭگو بىلەن سودا باردى-كەلدىسىنى ئازايتىپ، رۇسىيە بىلەن سودا قىلىشقا بۇيرۇق قىلغان. جۇڭگو خەلق پۇلى سودىسىنى نازارەت قىلىش ئامېرىكا دوللىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ كەسكىن بولغان.

كىم جوڭئىل 2000-2002 –يىللىرىمۇ جۇڭگو بىلەن سودىنى ئازايتىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ھەمدە ۋەسىيەتنامىسىدە «جۇڭگوغا ئىشەنمەڭلار» دەپ يازغان.
 

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 1389-نۇمۇر9-بىنا 102-ئىشخانا