سۇمرۇغ تورىنىڭ 18-ئىيۇندىكى خەۋىرى (ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى): ئىراق ۋەزىيىتى يامانلىشىۋاتقان پەيتتە، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ سەرخىل قىسىمى بولغان «قۇددۇس ئارمىيىسى»نىڭ كوماندىرى سۇلايمانى ئىراقتا پەيدا بولغان بولۇپ، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ۋە شىئە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بەرمەكچى بولغان.
ئىراق بىخەتەرلىك ئەمەلدارى دېيىشىچە، سۇلايمانى ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ۋە شىئە مەزھىپى قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ئاشقۇن قوراللىقلارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بىخەتەرلىك پىلانىنى كېڭەشكەن. ئۇ بىر ھەرىكەت ئىشخانىسى تەسىس قىلغان بولۇپ، شىئە مەزھىپىدىكى قوراللىقلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرماقچى بولغان ھەمدە شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ مۇقەددەس جايى نەجەف، پايتەخت باغداد ھەمدە جەنۇبىدىكى كەربالا ۋە باغدادنىڭ غەربىدىكى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئاشقۇن قوراللىق تەشكىلاتلار تىركىشىۋاتقان ئالدىنقى سەپنى زىيارەت قىلغان.
سۇلايمانى ئىران بىخەتەرلىك سىستېمىسى ئىچىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە شەخسلەرنىڭ بىرى، ئۇ رەھبەرلىك قىلغان «قۇددۇس ئارمىيىسى» ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىنىش ئەترىتىدە مەخسۇس چەتئەللەردىكى ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىدىغان مەخپىي قىسىم. ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، قۇددۇس ئارمىيىسى ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە شىئە قوراللىق كۈچلىرىنى ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە تەشكىللىگەن، يېقىنقى نەچچە يىلدا سۇرىيە توقۇنۇشىغا قاتناشقان بولۇپ، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ سۈننىي مەزھىپىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلارغا زەربە بېرىشىگە ياردەم بەرگەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى باھا بېرىپ، سۇلايمانىنىڭ زىيارەت قىلىشى ئىراق شىئە مەزھىپى قوراللىق كۈچلىرىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئىراننىڭ ئىراقتا رولىنى جارى قىلدۇرىشى سۇرىيە توقۇنۇشىدىكى رولى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ، دېدى.
ئانا تۇپراق تورى تەرجىمە قىلدى.