ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

ئۈرۈمچىدە تاشقا ئايلانغان ياغاچ بايقالدى

ۋاقتى : 2014-09-13  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلى

 

«مەن قۇرۇلۇش ئىشچىسى، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا قۇرۇلۇش ئورنۇمدا بىرنەچچە پارچە تاشقا ئايلانغان جىسىمغا ئوخشاش تاشلارنى ئۇچراتتىم، شۇنداقلا تېگىدە نۇرغۇن بۇلارغا ئوخشاش تاش بار ئىدى، شۇڭا مەن ئەگەر راستىنلا تاشقا ئايلانغان جىسىم بولسا، مەن كولاپ چىقىرىش جەريانىدا بۇزۇپ قويسام تەتقىق قىلىش قىممىتى بولماسلىقتىن ئەنسىرىدىم.» تاڭ ئەپەندى بۇ تورغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، بىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ باھالاپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلغان.


9-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 11دە، مۇخبىر تاڭ ئەپەندىنىڭ ئىش ئورنىغا يېتىپ كەلدى.
تاڭ ئەپەندى قۇرۇلۇش كەسپىي بىلەن شۇغۇللانغىلى 15 يىل بولغان بولۇپ، ئادەتتە ئىلمىي تەربىيىۋى فىلىم قانىلىنى قىزىقىپ كۆرىدىكەن، 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇ ئادەتتە مۇشۇ قانالدا كۆرگەنلىرىگە ئاساسەن قۇرۇلۇش ئورنىدىن بۇ تاشقا ئايلانغا جىسىمنى بايقىغان.
تاڭ ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، بۇ تاشلارنىڭ ئۈستىدە ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشايدىغان سىزىقچىلار بار بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە بۇ ھايۋان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تاش قاتمىسى بولۇشى مۇمكىنكەن. قېزىش جەريانىدا بەزى تاشلار ئۈزۈلۈپ كەتكەن يەنە بەزىلىرى ئۇۋۇلۇپ كەتكەن.
9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەتىگەندە تاڭ ئەپەندى يەنە بىر قېتىم بۇ تاشلار بار يەرگە كەلگەن ئەمما ئۇ بايقىغان مۇكەممەل تاش يوقاپ كىتىپ، پەقەت بىر قىسىم كەمتۈكلىرى قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ جىددىيلىشىپ : قانداقلا بولمىسۇن بىر مۇتەخەسسىسنىڭ كۆرۈپ بىقىپ جەزىملەشتۈرۈشى ئۈچۈن، مۇلازىمەت قىزىق لىنيەسىدىن ياردەم سورىغان.
مۇخبىر نەق مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن تاڭ ئەپەندى يەنە بىر ئۇزۇن تاشنى مۇخبىرغا كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ تاش بەئەينى ھايۋانلارنىڭ قوۋۇرغا سۆڭىكىگە ئوخشايتتى.
مۇخبىر بۇ تاشلارنى ئېلىپ شىنجاڭ گىئولۇگىيە قىزىلما بايلىق مۇزېيىغا كەلگەن. تېخنىكلار بۇ تاشلارنى كۆرگەندىن كېيىن بۇ ھەقىقەتەن تاشقا ئايلانغا جىسىم، يەنى تاشقا ئايلانغان ياغاچ دېگەن.
ئىگىلىنىشچە، بۇ تاشلارغا بەلكىم نەچچە مىليون يىل بولغان بولىشى مۇمكىن ئىكەن.
ھازىر يەنە باشقا تاشلارنىڭمۇ تاشقا ئايلانغان ياغاچمۇ ئەمەس، بۇنى بىلىش ئۈچۈن مۇتەخەسىسلەر داۋاملىق تەكشۈرمەكتە، ئاز دېگەندىمۇ 10 كۈندىن كېيىن قايتىپ كېلىدىكەن.
ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا