ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

قاغىلىق ‹‹28-فېۋرال››زوراۋانلىق-تېررورلۇق دېلوسىغا 1- سوت ھۆكۈمى چىقىرىلدى

ۋاقتى : 2012-03-26  مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى. 2012-يىل 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار ئابدۇكېرەم مامۇتنىڭ زوراۋانلىق- تېررورلۇق دېلوسىغا ئوچۇق سوت ئېچىلىپ، 1- سوت ھۆكۈمى چىقىرىلدى.   سوتتا جاۋابكار ئابدۇكېرەم مامۇتقا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا باشچىلىق قىلىش، قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى بويىچە بىرنەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، سىياسى ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلدى.

   سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىپ ئېنىقلىشىچە، جاۋابكار ئابدۇكېرەم مامۇت 2011-يىلى 7-ئايدىن 2012-يىلى 2-ئايغىچە قانۇنسىز ‹‹تەبلىغ›› قاتارلىق ۋاستىلار بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىك، زوراۋان-تېررورلۇق ئىدىيەسىنى تەرغىپ قىلىپ، پائال ئادەم تاللاپ، ئۆزى باش بولۇپ، ئوبۇلقاسىم مەمەت، توختىقۇۋان مەمەت قاتارلىق توققۇز ئادەمدىن زوراۋانلىق-تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان ھەمدە كۆپ قېتىم مەخپىي پىلانلاپ، تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ يەر شەكلىنى تەكشۈرۈشىگە قوماندانلىق قىلىپ، تېررورلۇق ھۇجۇم نىشانىنى بېكىتىپ، زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھەرىكىتى لايىھىسىنى پىلانلىغان. 2012-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، جاۋابكار ئابدۇكېرەم مامۇت تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى ئۆز ئۆيىگە يىغىپ، زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان، ئۇلارنى گۇرۇپپىلاغا بۆلۈپ، ئىش تەقسىملەپ، پىچاق، پالتا قاتارلىق جىنايەت قوراللىرىنى تارقىتىپ بېرىپ، تېررورلۇق ھۇجۇم ئۇسۇلىنى مانېۋىر قىلغان. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 18 لەردە، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى باشلاپ، قاغىلىق ناھىيەسى بەخت يولىدىكى پىيادىلەر كوچىسىغا بېرىپ، قوللىرىغا پىچاق، پالتا ئېلىپ، بىگۇناھ ئاممىنى ۋەھشىيلىك بىلەن چېپىپ-چاناپ، نەق مەيداندا 13 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 16 ئادەمنىڭ زەخىملىنىشى (بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى ئادەم قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن)نى كەلتۈرۈپ چىقارغان. جاۋابكار ئابدۇكېرەم مامۇت نەق مەيداندا تۇتۇلغان، يەتتە نەپەر زوراۋان-تېررورچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، بىر نەپىرى ئوق تېگىپ يارىلانغاندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، بىر نەپەر بىرلەشمە مۇداپىئە خادىمى قۇربان بولغان، تۆت نەپەر جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچىسى يارىلانغان.
   يۇقىرىقى جىنايەت پاكىتلىرىنى نەق مەيداندا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى، يىغىۋېلىنغان دېلو سادىر قىلىش قورالى، نەق مەيدان كۆرۈنۈشى ئېلىنغان سىن ماتېرىيالى، قانۇن دوختۇرىنىڭ جەسەت تەكشۈرۈش، زەخمە باھالاشنامىسى، نەق مەيدان ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ، جاۋابكارمۇ جىنايىتىگە ئىقرار .
   سوت قاراپ چىقىپ مۇنداق قارىدى: جاۋابكار ئابدۇكېرەم مامۇت تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان ۋە ئۇنىڭغا باشچىلىق قىلغان، تەشكىلات ئەزالىرىغا باشچىلىق ۋە قوماندانلىق قىلغان ھەمدە بىگۇناھ ئاممىنى بىۋاستە ئۆلتۈرگەن، جىنايەت ۋاستىسى ئىنتايىن ۋەھشى، جىنايەت قىلمىشى ئىنتايىن قەبىھ، جىنايەت ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر. شۇڭا يۇقىرىقىدەك ھۆكۈم چىقىرىلدى.
   سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، جاۋابكارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىپ دەۋالىشىش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىندى، جاۋابكارنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتى سوتقا چىقىپ جاۋابكارنى ئاقلىدى، جاۋابكارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، بىر قىسىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئامما سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى.
ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا