ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

ئـۈرۈمچىدە يەنە بىر كـاتتا ئىش بولدى

ۋاقتى : 2012-12-16  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

<<قۇتادغۇ بىلىك>>نىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
 

IMG_3688.JPG

ئانا تۇپراق تورى خەۋىرى : 2012- يىلى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا كاتتا بىر تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ شاھانە ئەسەر قۇتادغۇ بىلىكنىڭ ئاۋازلىق نۇسخسىنىڭ تارقىتىلىش شەرىپىگە ئېلىپ  بېرىلىۋاتقان كاتتا مەرىكە ئىدى. خەلق سارىيىنىڭ ھەيۋەتلىك زالىدا بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىغان، ھەتتا نۇرغۇن يىغىن قاتناشچىلىرى ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلىغان بولسىمۇ يىغىننىڭ ھاياجانلىق دەملىرىنىڭ تەسىرىدىن ئۇلار چارچىغاندەك ئەمەس ئىدى.
«قۇتادغۇ بىلىك» دۇنياغا كېلىپ مىڭ يىللاردىن كېيىن، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، دۇنيا ئىلىم ساھەسى ئۇنىڭغا قايتىدىن دىققىتىنى قاراتقان بولۇپ، مەمىلىكىتىمىزدە «قۇتادغۇ بىلىك» تەتقىقاتى يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭلا باشلانغان. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا كەلگەندە، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قېزىش، رەتلەش ۋە نەشر قىلىش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش سالمىقىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، مەمىلىكىتىمىزدىكى «قۇتادغۇ بىلىك» تەتقىقاتى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. 1984-يىلى 5-ئايدا مەزكۇر كىتاب ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى ئىنىستىتۇتىنىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 1986-يىلىغا كەلگەندە خاۋ گۈەنجۇڭ، جاڭ خۇڭچاۋ، لىيۇ بىڭ قاتارلىقلارنىڭ جاپالىق ئەجرى بىلەن «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ئىشلىنىپ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 1991-يىلى يەنە مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە نەسرىي يەشمىسى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

مەدەنىيەت خەزىنىمىزدىكى بۇ شاھانە ئەسەرنىڭ شۆھرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، ئۇنىڭ ئاۋامغا يۈزلىنىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، خەلقىمىزنىڭ توغرا قىممەت قاراش بىلەن تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش شۇنداقلا مەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنى بېيىتىش مەقسىتىدە بۇ قېتىم ئۈرۈمچى «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى 1991-يىلى نەشر قىلىنغان نەسرىي يەشمىسىگە ئاساسەن، ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مەزكۇر ئەسەرنىڭ 17سائەتتىن ئارتۇق ئاۋازلىق نۇسخىسىنى تەييارلاپ، مىللەتلەرنەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇردى.

ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن كۆرە مەنىۋىيىتىمىزنى بېيىتىش مەقسىتىدە قىلىنغان مانا مۇشۇنداق خاسىيەتلىك ئەمگەكنىڭ ئىگىسى بولغان ئۈرۈمچى «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇ خىل خالىسانە روھى دەل ئۇلارنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ئىلمۇ ئىرپان» ئەقىدىسىدىن كەلگەن. خۇددى «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ «ئىنسان بالىسىنىڭ قىممىتى ئىلىم ۋە پەزىلەتتە» دېگىنىدەك، «ئىلىم-ئىرپان» بىلەن قىممىتىمىزنى نامايان قىلىشنى ئۆزىگە غايە قىلغان ئۈرۈمچى «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى 2003-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى دەل مۇشۇ دەقىقىدە تۇنجى قەدەمنى باسقان ئىدى. ئۇنىڭ تۇنجى قەدىمى ئۆزىنىڭ تۇنجى مەھسۇلاتى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىدىكى تۇنجى ئېلېكتىرونلۇق لۇغىتى بىلەن باشلانغان بولسا، بۈگۈن ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ 9 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتالغان سوۋغىسى شاھانە ئەسىرىمىز «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى خەلقىمىزگە سۇنۇش بىلەن نەتىجىلەندى.

IMG_3717.JPG
IMG_3714.JPG

ئۈرۈمچى «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى 2003-يىلىدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، قازاقچە، قىرغىزچە، ئەرەبچە، ياپونچە، تۈركچە، رۇسچىدىن ئىبارەت توققۇز تىل بويىچە ئېلېكتىرۇنلۇق لۇغەتلەرنى ئىشلەپ دىيارىمىزنىڭ پەن-مائارىپ، لۇغەتچىلىك ۋە ماركا ساھەسىدە گەۋدىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

IMG_3680.JPG

2008-يىلى ئۈرۈمچى «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى قازاق تىلىدىكى ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتنى ئىشلەپ چىقىپ 150 تىن ئارتۇق قازاق ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قاتنىشىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى بىلەن تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ۋە قىزغىن قارشى ئېلىنىشقا مۇيەسسەر بولدى. 2008-يىلى بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي تەۋەللۇتىنىڭ 1000 يىللىقىغا ئاتاپ، بۈيۈك ئەسەر "دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك" نىڭ 4 تىللىق نۇسخىسىنى ئىرپان لۇغىتىگە كىرگۈزۈپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى "دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك" تىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. 2009-يىلى شىركەت يەنە ئانا تىلىمىزدىكى تۇنجى "لۇغەتلىك يانفون" ئىشلەپ بازارغا سالدى. 2010-يىلىغا كەلگەندە بولسا «ئىرپان ھەردەم كومپيۇتېرى»نى ئىشلەپ، سىستېما ۋە تىلى ئۇيغۇرچە بولغان ھەم ئانا تىللىق ھەم لۇغەتلىك كومپيۇتىرنى بازارغا سېلىپ، دىيارىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇردى. 2010-يىلى شىركەت يەنە قىرغىزچە ئېلېكتىرۇنلۇق لۇغەت ئىشلەپ، ئاتۇشتا قىرغىز رەھبەرلەر ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئىشتىراكىدا تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى شۇنداقلا قىرغىز قېرىنداشلارنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى.
«ئىلمۇ ئىرپان» تارقىتىشنى يادرولۇق غايە قىلغان «ئىرپان» چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇ يولدىكى تىرىشچانلىقلىرى كۈنسېرى ئېشىپ بارسا باردىكى، ھەرگىز سۇسلاپ قالمىدى. 2011-يىلىغا كەلگەندە، شىركەتنىڭ يەسلى مائارىپىمىزغا، جۈملىدىن بىزنىڭ ئەڭ قەدىردانلىرىمىز بولغان پەرزەنتلىرىمىزگە بولغان ئەقىدە كۆچىتى مېۋە بېرىپ، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە بالىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىدىغان، كىچىكىدىن ئۆگىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان چەكمە ئوقۇتقۇلۇق ئېلىپبەنى ئىشلەپ بازارغا سالدى.

ئېلېكتىرون سانائىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى، ئىشلىتىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ رايونىمىزدىكى ئىلىم تەلەپكارلىرىنى تېخىمۇ قۇلايلىق ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن 2012-يىلى 1-ئايدا ھەم لۇغەت، ھەم دەرسلىك، ھەم ئوقۇ ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك يانداشما ماتېرىياللار جۇغلانغان "ئىرپان ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى"نى ئىشلەپ بازارغا سالدى.
IMG_3683.JPG

دۇنيادا ھالال كەسىپلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلۇغ، ئەمما ھەممىدىن ئۇلۇغى «ئىلىم-ئىرپان تارقىتىش ۋە قەلبلەرنى يورۇتۇش كەسپىدۇر». مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ كەسىپنى ئۆزىگە ئىگىلىك ۋە غايە قىلغان «ئىرپان» شىركىتىنىڭ ئەمەلىي تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسدە، «ئىرپان» دېگەن بۇ سىمۋوللۇق نام جۇڭگودىكى كۈچلۈك ماركىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
2006-يىلى «ئىرپان» ماركىسى جۇڭخۇا ئېلېكتىرۇن كارخانىلىرىنىڭ ئىچىدىكى يوشۇرۇن كۈچى زور 300 كارخانىنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.

IMG_3797.JPG

2008- يىلى يەنە «ئىرپان» ماركىسى "غەربىي دىياردىكى داڭلىق ئېلېكتىرون ماركىسى" غا، 2009-يىلى "جۇڭخۇا ئېلېكتىرون كارخانىلىرى ئىچىدىكى 10 چوڭ ئىختىراۋى ماركا"، 2010-يىلى "جۇڭخۇا ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ماركا"، 2011-يىلى "2011-يىلدىكى جۇڭخۇا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى قىممىتى بىرىنچى ئورۇندىكى ماركا" دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇيەسسەر بولۇپ، مىللىتىمىزنىڭ جۇڭگو چوڭ ئائىلىسىدىكى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى ئۆزىگە خاس ئورنى ۋە ئوبرازىنى نامايان قىلدى.

IMG_3757.JPG

مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار غايە ۋە قىممەت قاراشنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان ئۈرۈمچى «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى ئىلىمنى ئىگىلىككە، ئىگىلىكنى قىممەت قاراشقا زىچ گىرەلەشتۈرۈپ، دىيارىمىزنىڭ تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن، سودا، ماركىچىلىق ۋە مەدەنىي مىراسلارنى قېزىش قاتارلىق ئەھمىيەتلىك ساھەلىرىدە كەم بولسا بولمايدىغان رولنى جارى قىلدۇرماقتا .
IMG_3688.JPG

قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئاۋازلىق نەشىرى CD ۋە DVD پىلاستىنكا شەكلىدە بازارغا سېلىنغان بولۇپ، ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسى ئابدۇقېيۇم ئىمىن ئاۋازىدا 17 سائەت 40 مىنۇت ئۇزۇنلۇقتا. CD پىلاستىنكىسىنىڭ باھاسى 28 يۈەن، DVD پىلاستىنكىسىنىڭ باھاسى كىتاب ۋە بىر دانە قەلەم قوشۇلۇپ 98 يۈەن بولۇپ جايلاردىكى ئىرپان مەھسۇلاتلىرى سېتىش ئورۇنلىرىدا سېتىلىدىكەن.

IMG_3679.JPG

IMG_3798.JPG

IMG_3802.JPG

بۈگۈنكى تارقىتىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قورولتىيى دائىمىي كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەمتىمىن ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازاد سۇلتان، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنەلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ سېكىرتارى رازاق تۆمۈر، مىللەتلەر نەشىرياتىنىڭ باشلىقى ئەركىن قادىر، ئاپتونوم رايونلۇق تىل -يېزىق كومىتىتىنىڭ باشلىقى سىدىق مەتسايىت، يۈسۈپ ئەيسا، مىجىت ناسىر قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

IMG_3795.JPG

دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە ئېتىراپقا ئېرىشكەن شاھانە ئەسەر «قۇتادغۇ بىلىك» شەرق ئەدەبىياتىنىڭ گۈلتاجى، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەينى دەۋر سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىلمىي، مەدەنىي، ئەخلاقىي ۋە دىنىي رېئاللىقىدىن خەۋەر بەرگۈچى قامۇس خاراكتېرلىك ئەسەردۇر. ئۇ پىشقان مەدەنىيەت ۋە سەلتەنەتلىك بىر دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆزىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى يۈكسەك قىممىتىنى نامايان قىلىپ تۇرماقتا.

IMG_3689.JPG

يىغىننىڭ بېشىدا پىروفىسسور ئازات سۇلتان ئەپەندى ئۆزىنىڭ پىشقان تەتقىقاتچىغا خاس نۇتقى بىلەن <<قۇتادغۇ بىلىك>> ئەسىرىنىڭ مۇھىملىقى، تارىخىي ئەھمىيىتى، زامانىمىزدىكى رولى توغرىسىدا سۆزلەپ، نۆۋەتتە ئىشلەنگەن ئاۋازلىق نۇسخىسىغا ناھايىتى ياخشى ئىجابىي باھالارنى بېرىپ، يىغىن قاتناشچىلىرىدا ئۇنتۇلماس تەسىرات قالدۇردى. يىغىندا يەنە پىروفىسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن ئابدۇقەييۇم ئىمىننىڭ ئاۋاز تالانتىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، ئاۋازلىق نەشرىنىڭ بازارغا سېلىنغانلىقىنىڭ بۇ كاتتا ئەسەرنى زور ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە قىلغانلىقىنى، قوللىنىشچانلىققا ئىگە قىلغانلىقىنى تەسىرلىك بايان قىلىپ ئۆتتى.

IMG_3760.JPG

ئوبزورچى، مائارىپ نەشىرىياتىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى يالقۇن روزى، دەرس بايلىقى نوقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ، قۇتادغۇ بىلىكنىڭ ئاۋازلىق نەشرىنىڭ زامانىۋى ئوقۇ - ئوقۇتۇشىمىزدىكى رولىنى جانلىق شەرھىيىلەپ ئۆتتى.
IMG_3745.JPG

IMG_3743.JPG

ئابدۇقەييۇم ئىمىن ئۆزىنىڭ ئۇرغۇلۇق، مېغىزلىق ئاۋازى بىلەن قۇتادغۇ بىلىكتىن ئارىيە ئوقۇپ بېرىپ، يىغىن قاتناشچىلىرىغا تولۇپ - تاشقان ھاياجان ئاتا قىلدى. .

IMG_3768.JPG

ئىرپان شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللا ئىرپان ئەپەندى سۆزگە چىقىپ، ئىرپان شىركىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتتى.

IMG_3683.JPG

ئارقىدىن ئۆمۈر مۇساپىسىنىڭ كۆپ مەنزىلىنى قۇتادغۇ بىلىك تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان تەتقىقاتچى مەھمۇد زەيىدى ئەپەندى سۆز قىلىپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قۇتادغۇ بىلىك ناملىق بۇ داستانىدا بۇ كىتاب بەك ئەزىزدۇر، ئۇنى ئوقۇغان ۋە تارقاتقانلار تېخىمۇ ئەزىزدۇر دېيىلگەن. ئابدۇللا ئىرپانلارنىڭ بۇ تۆھپىسى تېخىمۇ مەدھىيىگە لايىقتۇر، دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن يىغىن قاتناشچىلىرىنى قايىللىق تۇيغۇسىغا چۆمدۈردى.

IMG_3833.JPG

ئاخىرىدا ئاپتونۇم رايوننىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپ ئەيسا ئەپەندى خۇلاسە سۆزى سۆزلەپ، بۆگۈنكى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى قۇتلۇقلىدى، يەنە ئۆزىنىڭ ئۆمۈر مۇساپىسىدىكى ئۆگۈنۈشلەردە قۇتادغۇ بىلىككە ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولمىغانلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆگۈنۈش نوقتىسىدا بۇرۇلۇش بولغانلىقىنى سۆزلىگەندە يېغىن زالى گۈلدۇراس ئالقىشلارغا تولدى. ھەتتا ئالقىش سادالىرى بېسىقماستىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىپ، يىغىن ئەھلىنىڭ ھاياجىنى يۇقىرى پەللىگە چىقتى. ئاخىرىدا يۈسۈپ ئەيسا ئەپەندى قىزىقارلىق قلىپ، مەن دادامغا رەھمەت ئېيتسام بولىدىكەن. بۇ شاھانە ئەسەرنى يازغان بۈيۈك شەخسنىڭ ئىسمىنى ماڭىمۇ ئىسىم قىلىپ قويۇپتۇ. مەن قۇتادغۇ بىلىكنى ئۆزەم ئاڭلاپ، ئۆگنىپلا قالماستىن، بالىلىرىمغىمۇ ئاڭلىتىپ ئۆگىتىمەن، سىلەرمۇ ھەم ئاڭلاش بىلەنلا قالماستىن تارقاتقايسىلەر، دېگەن ئىزگۈ تىلەكلەرنى بىلدۈردى.

مۇراسىمدىن كۆرۈنۈشلەر:

IMG_3691.JPG

IMG_3697.JPG

IMG_3698.JPG

مۇراسىمغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار
IMG_3719.JPG

داڭلىق ھۆرمەتكە سازاۋەر دىنىي ئۇستاز ،ئالىم مۇھەممەد سالىھ قاراجىم

IMG_3740.JPG

IMG_3760.JPG

IMG_3763.JPG

IMG_3752.JPG

IMG_3810.JPG

ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىقلار سۆز قىلماقتا.

IMG_3823.JPG

يۈسۈپ خاس ھاجىپ پورتېرتىنى سىزغۇچى ئۇستاز غازى ئەھمەد سۆزىدە پورتېرىت سىزىشتىكى بىر بىرقىسىم ئالاھىدىلىكلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.


IMG_3718.JPG

مىللەتلەر ئۈن- سىن نەشىرياتىدىن دولقۇن قادىر

IMG_3715.JPG

IMG_3723.JPG

IMG_3709.JPG

IMG_3713.JPG

تېلۋىزىيە ئىستانسى ۋە رادىئو ئىستانسىدىن مۇنىرە غوپۇر،ھەجەرگۈل ياقۇپ، شەمسىيە ئەبەيدۇللا،رىزۋانگۈل ئابدۇقادىر قاتارلىقلارمۇ يىغىنغا قاتناشتى.

IMG_3753.JPG

IMG_3786.JPG

ئۇلىنىش ،نۇر ،مىسرانىم ،ئانا تۇپراق قاتارلىق تور بېكەت مەسئۇللىرى

IMG_3733.JPG

 IMG_3817.JPG

 مەدەنىيەت خەزىنىمىزدىكى بۇ شاھانە ئەسەرنىڭ شۆھرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، ئۇنىڭدا ئالغا سۈرۈلگەن قىممەتلىك ئىدىيەلەردىن تېخىمۇ كەڭ ئاۋامنى بەھىرلەندۈرۈش مەقسىتىدە ئىرپان ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى 1991- يىل نەشر قىلىنغان نەسرىي يەشمىسىگە ئاساسەن 17 سائەتلىك ئاۋازلىق نۇسخىسىنى تەييارلاپ، 2012-يىلى 8-ئايدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇردى. ئەسەر نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە ئالىملاردىن تارتىپ، كەڭ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ بىردەك يۇقىرى باھا بېرىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ۋە تەشەككۈرلىرىگە سازاۋەر بولدى. شۇنىمۇ ئېيتماي بولمايدۇكى، «قۇتادغۇ بىلىك» يەنى «بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم»دىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى، پەخىرلىك بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بەختنى، ئىنسانىي قىممەتنى بىلىمگە باغلىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ قىممەت قاراش «ئىرپان» شىركىتىنىڭ ئەمەلىيىتىدە نامايان بولۇپ، بۇ شاھانە ئەسەرنىڭ ئەڭ ئاۋاملاشقان نۇسخىسىنىڭ خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈشى مۇتەپەككۇر بوۋىمىزنىڭ روھىنى تېخىمۇ ئەمىن تاپقۇزدى. ئىشىنىمىزكى، «ئىلىم-ئىرپان» روھىنى بوۋىلاردىن زامانىمىزغا ئۇلىغۇچىلار بىلەن ئەتىمىز يەنىمۇ پارلاق!

 

 

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا