ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

بۈگۈن ئۈرۈمچىدە يەنە بىر كاتتا ئىش باشلاندى

ۋاقتى : 2015-01-02  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

ئانا تۇپراق تورى مۇخبىرى گۈلئەتتەر خەۋىرى : 2015-يىلىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئىنتىل كەسپى تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇردى.بۈگۈن كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5دە، ۋىكتورىيە چايخانىسدا كىشى دىققىتىنى  تارتىدىغان ئىلىم چېيى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ ،ھەممىمىزنى باشقىچە بىر يېڭى تۇيغۇ بىلەن يېڭى يىلغا باشلاپ ئەكىردى .


بۈگۈنكى ئىلىم چېيى پائالىيىتىنىڭ يىگت بېشى ئىنتىل كەسپى تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەت ئابدۇللا بولۇپ،ساھىبخانىلىق ۋەزىپىسىنى شۇ مەكتەپتىكى جاپاكەش ئۇستازلاردىن سادىق مۇئەللىم ئۆز ئۈستىگە ئالغانىدى.
ئىگىلىشىمچە،بۈگۈنكى بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولسا:ئىنتىل كەسپى تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى مالىيەدىن 60مىڭ يۈەن چىقىم چىقىرىپ مەكتەپتىكى 106نەپەر  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەربىرىگە ھەر ئايدا بىردىن كىتاب ئوقۇش ۋەزىپىسى بېرىلىپ، ھەربىر ئوقۇتقۇچى بىر يىلدا جەمئىي 12كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق 2015-يىلنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىشتىەك ئۇلۇغۋار شۇئارىمىزنى ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەن . 


يىغىن باشلىنىش بىلەن داڭلىق تۈركولوگ يۈسۈپ  ياسىن ئەپەندى كىتاب ھەققىدە سۆز قىلىپ،كىتابنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كۆرسىتىدىغان ئەھمىيىتىنى خۇلاسىلەپ ئۆتتى.ئاندىن ساھىبخان سادىق مۇئەللىم بۇ يىل ئوقۇپ تاماملاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كىتابلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ ئۆتتى.


پائالىيەت جەرياندا يەنە ئۈرۈمچى مەغرىب سودا چەكلىك شىركىتى مىراس كىيىمچىلىكىنىڭ لىدىرى قەمىردىن ھاجى ئەپەندى سۆز قىلدى.


كىشىنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالىدىغىنى بولسا شىنجاڭ ساداقەت بىيو پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ئەلى ئىسمائىل ئەپەندى ئىنتىل مەكتىپىدىكى 106نەپەر ئوقۇتقۇچىغا بىردىن ئەسئەت سۇلايمان ئاپتۇرلىقىدىكى «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»كىتابىنى سوۋغا قىلىپ بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە بولغان مەمنۇنلىقىنى بىلدۈردى.
كىتاب ئىنسانىيىتىمىزنىڭ بايلىقى،ئادەم كىتابسىز ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلىشتىنمۇ قورقىدۇ، كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى كۈندىن -كۈنگە سۇسلاۋاتقان مانا مۇشۇنداق پەيتلەردە  كىتاب ئوقۇشنى تەشۋىق قىلىپ غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋاتقان خەلقىمىزنى ئويغىتىش ئۈچۈن ئاتلانغان شىنجاڭ ئىنتىل كەسپى تېخنىكا مەكتىپىنىڭ بۈگۈنكى پائالىيىتى تولىمۇ مەنلىك ۋە ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولغۇسى!


بىز مەزكۇر تورىمىز نامىدىن ئىنتىل مەكتىپىنىڭ كىيىنكى يوللىرىغا زور يۈكسىلىشلەرنى تىلەش بىلەن بىرگە خەلقىمىزنىڭ قولنى قولغا تۇتۇشۇپ 2015-يىلىنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىغا چاقىرىق قىلىمىز .

 

22.jpg

ئانا تۇپراق تورى ۋە كارۋان تورىنىڭ ئوپىراتۇرلىرى

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا