ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 10- سېنتەبىر تېلېۋىزىيە نۇتقى ئېلان قىلىپ، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» گە ئومۇميۈزلۈك زەربە بېرىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېىركا سىملىق تېلېۋىزىيە تورى شۇ كۈنى ئوباما ھۆكۈمىتى جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك بەش مەسىلىنى رەتلەپ چىققان:
1.ئامېرىكا ئىراققا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ ISIS زەربە بەردى، كەلگۈسىدە سۈرىيەگىمۇ ھاۋا ھۇجۇمى قىلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا نېمىگە ئاساسەن ھاۋ ھۇجۇمىنىڭ غەلىبىلىك بولغان-بولمىغانلىقىغا ھككۈم قىلىدۇ؟
ئامېرىكا ئاۋغۇستتىن باشلاپ ISIS كە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. ئىراق يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھۇجۇمى كۆپىيىشى مۇمكىن. ئىراقتا كەڭ قورساق ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى ئوبامانىڭ ئىراقتا خەۋەپسىزلىك ياردىمىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى شەرت. بۇنىڭدىن سىرت، ئوباما ھۆكۈمىتى يەنە سۈرىيەدىكى بازا تەشكىلاتىنىڭ تارمىقى بىلەن ISIS كە ھاۋا ھۇجۇمى قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. ئامېرىكا شۇنىڭ ئۈچۈن ئېنىق نىشان ۋە بەلگە ئارقىلىق ئىراق بىلەن سۈرىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ رولى بار-يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرىدۇ.
2. ئوباما ISIS كە تاقابىل تۇرىدىغان خەلقئارالىق ئىتتىپاقنى قانداق باشقۇرىدۇ؟
ئوباما ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىر قانچە ھەپتىدە كۆپ قېتىم خەلقئارالىق ۋە رايون ئىتتىپاقى تەشكىل قىلىپ ISIS كە تاقابىل تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلغان. ئوباما ھۆكۈمىتى راستتىنلا ئىتتىپاق تەشكىل قىلىشنى ئويلىغان بولسا، ھەر قايسى دەرىجىدىكى ئەمەلدارلار ئورتاق قاتنىشىشى، قاتلاملىق كېلىشىم تۈزۈشى، ئۇزاق مۇددەتلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. ئىلگىرىكى مىساللاردىن قارىغاندا، چوڭ ئىختىلاپ كۆرۈلسە، ئىتتىپاق ئۆزلۈكىدىن بۆلۈنۈپ كېتىشى، ھەتتا ئاپەت خاراكتېرلىك نەتىجىمۇ كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
3. ئەگەر ئىراقتا ISIS كە تاقابىل تۇرغۇدەك ھۆكۈمەت قۇرۇش ئەمەلگە ئاشمىسا، ئامېرىكا قانداق تەدبىر قوللىنىدۇ؟
ئىراق بۇ ھەپتە يېڭى ھۆكۈمەت قۇردى، لېكىن بۇ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئىچكى ئىشلاردەك مۇھىم بولغان تارماقلىرىدا رەھبەر يوق. ئامېرىكا ھەربىي ياردەم ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىراقتىكى ھەر قايسى مەزھەپلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرماقچى بولدى، لېكىن بۇ سىياسەتنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى ناتايىن.
ئالدىنقى ئايدا، ئىراق شىئە خەلق ئەسكەرلىرى سۈننىي پۇقرالىرىنى قىرغىن قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلغان. بۇنداق ئەھۋال يەنە يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئامېرىكا تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرى دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ مەسلە -ئىراقتىكى يېڭى رەھبەر ئۇيۇشۇشچانلىققا ئىگە ھۆكۈمەت قۇرالمىسا، ئامېرىكا بۇنىڭغا قانداق تەدبىر قوللىنىدۇ؟
4.سۈرىيەدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچىلەر ISIS كە تاقابىل تۇرماقتا، ئوبامانىڭ سۈرىيەدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرنى قوللايدىغا قانداق يېڭى پىلانى بار؟
ئوباما ئىيۇندا سۈرىيە مۆتىدىل ئۆكتىچىلىرىگە 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىپ، رادىكال قوراللىقلارغا تاقابىل تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى ياردەم بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۈچى يەنىلا ئىنتايىن ئاجىز. قورال ۋە ئىقتساد جەھەتتىكى ياردەم بەلكىم ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن، لېكىن ئېنىقسىز ئىستراتېگىيە پۇلنى بىكارغا خەجلىگەنلىك بىلەن باراۋەر بولىدۇ.
5. خەلقئارا ۋە رايونلار ئارا ئىتتىپاق تۈزۈش ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردىكى چوڭ كۆلەملىك ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى قانچىلىك ھەل قىلالايدۇ؟
ئىراقتا ئىچكى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىنىڭ تەسىرىدە نەچچە 10 مىڭ ئىراقلىق ئۆي-ماكانسىز قالدى. چەتئەل ھەربىي كۈچلىرىنىڭ ئارىلىشىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى ھاۋا ھۇجۇملىرى ئىراقتىكى ۋەزىيەتكە ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتتى، ئوبامامۇ ISIS كە كەڭ كۆلەملىك تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى باشلىدى. ھازىرقى مۇھىم مەسىلە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قانداق ئورۇنلىشى بولۇپ قالدى.