شىنخۇا تورىنىڭ 12-ئىيۇندىكى خەۋىرى: (ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى) تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراق ۋە لەۋەنت ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا تەۋە ئاشقۇن قوراللىق ئۇنسۇلارنىڭ شۇ كۈنى تۈركىيەنىڭ موسۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنى ئىشغال قىلىپ، باش كونسۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 49 نەپەر دىپلوماتىيە خادىمى، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە قوغدىغۇچىنى تۇتقۇن قىلىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا ئىراق قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ شۇ كۈنى تۈركىيەنىڭ مۇسۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، كونسۇلخانا خىزمەتچىلىرى ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىۋالغانلىقىنى، كېيىن ئۇلارنى موسۇلنىڭ باشقا بىر يېرىگە يۆتكەپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. نۆۋەتتە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىىپ، بۇ تۈركىيەلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىك دۆلىتىگە قايتىپ كېلىشىگە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇتئوغلۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراق ھۆكۈمىتى تۇتقۇن قىلىنغان تۈركىيە كۇنسۇلخانا خىزمەتچىلىرى ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك ئىكەن، تۈركىيەنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى موسۇل شەھىرىنى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق ئۇنسۇلار ئىشغال قىلىۋالدى.
ئانا تۇپراق تورى تەرجىمە قىلدى.