يەر شارى تورىنىڭ 11-ئىيۇندىكى خەۋىرى (ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى): ياپونىيە سانكېئى خەۋەرلىرىنىڭ 6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى 11-ئىيۇن ئاشكارىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 ئەتراپىدا، جۇڭگونىڭ ئىككى Su-27 ئۇرۇش ئايروپىلانى شەرقىي دېڭىزنىڭ ئوچۇق دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ياپونىيە ھاۋا قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ بىر YS11EB ئېلېكترون رازۋېتكا ئايروپىلانى ۋە بىر OP3C تەسۋىر ئۇچۇرى يىغىش ئايروپىلانىغا بىنورمال يېقىنلاشقان.
سانكېئى خەۋەرلىرى دېيىشىچە، جۇڭگونىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى ياپونىيەنىڭ ئايروپىلانى ئەڭ يېقىن بولغاندا نەچچە ئون مېتىر ئارىلىققىچە يېقىنلاشقان، لېكىن ياپونىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرمىگەن، ئىككى تەرەپ ئايروپىلانى ۋە ئۇچقۇچىلىرىدا سۈركىلىش كۆرۈلمىگەن، رادار توغرىلاش ئەھۋالىمۇ كۆرۈلمىگەن.
ياپونىيە مۇداپىئە ۋەزىرى ئىتسۇنورى ئونودېرا 6-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچقۇرۇن ئاۋسترالىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ 2+2 سۆھبىتىدە يۇقىرىقى ئۇچۇرنى ئاشكارىلىغان ھەمدە دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
سانكېئى خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچقۇرۇن، ياپونىيە بىلەن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەتلىرى دىپلوماتىيە، مۇداپىئە دەرىجىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، شۇڭا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا، جۇڭگونىڭ بۇ قىلمىشى ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيەگە قارىتىلغان چەكلەشكە قارشى تەدبىرى بولۇشى مۇمكىن، دېگەن قاراشلار بولۇنغان.
ئانا تۇپراق تورى تەرجىمە قىلدى.