شىنخۇا تورىنىڭ 18-ئىيۇندىكى خەۋىرى (ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى): ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى ئېلان قىلغان بىر باياناتتا دېيىلىشىچە، يوقاپ كەتكەن 3 يەھۇدى ياشنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى 18-ئىيۇن سەھەردىكى بىر قېتىملىق ھەرىكەتتە 65 نەپەر پەلەستىنلىكنى قولغا ئالغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 51 نەپىرى ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) نىڭ ئەزاسى ئىكەن.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى باياناتىدا دېيىشىچە، 3 يەھۇدى ياش تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كۈچلىرى ۋاكالەت نامى «قېرىنداشلارنى قوغدىغۇچى» بولغان ھەربىي ھەرىكەتتە 240 نەچچە پەلەستىنلىكنى قولغا ئالغان، كۆپ قىسىمى خاماسنىڭ ئەزالىرى ئىكەن. ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى 800 نەچچە ئورۇندا بىر قىسىم قوراللار ۋە بومبىلارنى مۇسادىرە قىلغان.
بىرلا ۋاقىتتا، خاماسقا بېسىم قىلىش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە تۈرمە باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىسرائىلىيە تۈرمىسىگە قامالغان پەلەستىنلىكلەرگە جازالاش تەدبىرى قوللانغان، بۇ تەدبىرلەر تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتىنى قىسقارتىش، تۈرمە دۇكىنىغا بېرىپ مال سېتىۋېلىشىنى چەكلەش، گېزىت تەمىنلىمەسلىك ھەمدە تۇققان يوقلاش ۋاقتىنى ئازايتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدىكەن.
3 نەپەر يەھۇدىي ياش 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يوقاپ كەتتى، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنى خاماس تۇتقۇن قىلىۋالدى دەپ قارىدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئىزچىل ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى، بولۇپمۇ ھىبرون ئەتراپىدا بۇ 3 ياشنى ئىزدىدى.
ئانا تۇپراق تورى تەرجىمە قىلدى.