شياڭگاڭ جۇڭپىڭ ئاگېنتلىقىنىڭ 12- سېنتەبىردىكى ماقالىسى، ئەسلى تېمىسى «دېڭىزدىكى يېپەك يولى جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ»، جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، دېڭىز ئىشلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي كۈچىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ دېپلوماتىيە سىياسىتىدىكى ھەر بىر ھەرىكىتى خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدىغان بولۇپ قالدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2013- يىلى 10- ئايدا ھىندونېزىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، «دېڭىزدىكى يېپەك يولى» قۇرۇش قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى دەل بۇلارنىڭ بىرسى. شۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگودىكى ئىلىم- پەن ساھەسى قاتارلىق ھەر قايسى ساھە زاتلار «دېڭىزدىكى يېپەك يولى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان «بىر يول، بىر بەلباغ» يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلدى.
شۇنىسى ئېنىقكى، ئامېرىكا ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىغا قايتىۋاتقان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى جۇڭگوغا مايىل ۋە جۇڭگو قارشى كۈچلەر كۈنسىرى روشەنلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگونىڭ «دېڭىزدىكى يېپەك يولى»قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى جۇڭگونىڭ سىرتقا قارىتا ئىستراتېگىيەسىنىڭ كېڭىيىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىن مەنپەئەتلىنىشىگە تېخىمۇ پايدىلىقتۇر.
جۇڭگوغا نىسبەتەن، بۇ قەدىمىي «دېڭىزدىكى يېپەك يولى» غا يېڭى مەنا ئاتا قىلغاندا، جۇڭگونىڭ سىرتقا مەبلەغ سېلىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ سودا پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئاساسىدا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىنى تۈگىتىپ، قوشنا دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرۇپ، تىنچ باش كۆتۈرۈش قارىشىنى تارقىتىپ، جۇڭگو تەھدىت نەزەرىيەسىنى تارقىتىۋاتقان دۆلەتلەرگە چىرايلىق قايتۇرما زەربە بەرگىلى بولىدۇ.
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن، «دېڭىزدىكى يېپەك يولى» ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ يېقىن ئۆتۈپ، بىر غايەت زور رايونلۇق ئىنتېر تورىغا كىرىپ، جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ياخشى ئىرىشىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.
جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2013- يىلى 10- ئاينىڭ 3- كۈنى ھىندونېزىيە دۆلەت مەجلىسىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە مۇنداق بىلدۈردى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونى ئەزەلدىنلا «دېڭىزدىكى يېپەك يولى» نىڭ مۇھىم تۈگۈنى، جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن دېڭىزدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان جۇڭگو ـــ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دېڭىز ئۈستى ھەمكارلىق فوندىنى ياخشى ئىشلىتىپ، دېڭىز ئۈستى ھەمكارلىق شېرىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 21- ئەسىردىكى «دېڭىزدىكى يېپەك يولى» نى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىدۇ.