
روسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 12-سىنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىش يېڭى نىزامى قوبۇل قىلغان. 12-سىنتەبىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبىرى بۇ تەشكىلاتنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنىدا، تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىش نىزامىغا ئىمزا قويغان. يېڭى نىزامدا ھىندىستان ۋە پاكىستان 2015-يىلى روسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كېيىنكى نۆۋەتلىك ئۇچىرىشىش يىغىنىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قوشۇلىشى مۇمكىن.