جۇڭگو خەۋەر تورى 4-ئاۋغۇست تېلگىراممىسى
شياڭگاڭ «ۋىنخۈي گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىلىنتون بىلەن ھىلارى بىر جۈپ ئەر-ئايال سىياسى سەھنىدىكى چوڭ ئەرباپلار بولۇپ، توپلىغان مەبلىغى ئاز ئەمەس. «دەۋر ھەپتىلىك ژورنىلى» بىلەن ئامېرىكا «مۇناسىۋەتلىك سىياسىي مەركەز» نىڭ بايقىشىچە، بۇ ئىككەيلەننىڭ 32 يىل جەريانىدا توپلىغان مەبلىغى 1 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن. ئىككەيلەننىڭ ئامېرىكا تارىخىدا ئۇزاق مەزگىل ھەرقايسى تەرەپلەردىن يىغقان مەغلىغىنىڭ كۆپلىكىدىن، كىشىلەر «سىياسى مەبلەغ توپلىغان بىرىنچى ئەر-ئايال» دەپ ئاتىغان. خەۋەردە دىيىلىشىچە، سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئىككىسىنىڭ كۆپ قىسىم سىياسىي مەبلىغى ئىككى قېتىملىق ئاۋام پالاتا سايلىمى( ھىلارى) ۋە ئۈچ قېتىملىق زۇڭتۇڭ سايلىمى( كىلىنتون ئىككى قېتىم، ھىلارى بىر قېتىم) مەزگىلىدە توپلانغان. باشقا پۇللار كىلىنتون زۇڭتۇڭ مەزگىلىدە ھەرقايسى بايلار ئىئانە قىلغان. خاتىرلەنگىنىگە ئاساسلانغاندا، بىر تۈركۈم ئاساسلىق ئىئانە قىلغۇچىلار كۆپ يىلدىن بۇيان ھەرخىل شەكىلدە ئىككىسىگە سىياسىي مەبلەغ تەمىنلىگەن، ئۇلار «Slim Fast» شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابراھام ۋە «Esprit» شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇسى بول، ئۇلارنىڭ كىلىنتون ئەر-ئايال بىلەن خۇسۇسىي مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككىسىنىڭ مەبلەغ توپلاش يوللىرى نۇتۇق سۆزلەش ۋە كىلىنتون نامىدىكى فوندى جەمئىيەت ئېرىشكەن ئىئانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھىلارىنىڭ 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشىنى قوللايدىغان «ھىلارى ئۈچۈن تەييارلاندۇق» «RfH» قاتارلىق سىياسىي ھەرىكەت كومىتىتى (PAC) مۇ سىياسىي مەبلەغ توپلىغان. خەۋەردە دىيىلىشىچە ئۇزۇن يىل كىلىنتون ئەر-ئايالنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان، ھازىر «RfH» نىڭ پائالىيىتىنى باشقۇرىۋاتقان شىمىسنىڭ مۆلچەرىچە، كىلەر نۆۋەتلىك چوڭ سايلامدا ھىلارىغا كىتىدىغان مەبلەغ 1 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يىتىپ، ئوبامانىڭ ئالدىنقى يىللىق سايلام مەبلىغىدىن يېرىم ھەسسە كۆپ بولىدىكەن.