
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، غەززا رايونى، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن تەرەپ 72 سائەت ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، پەلەستىنلىك بالىلار غەززادىكى كوچىغا توختىتىپ قويۇلغان، ئىسرائىلىيىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان بۇزۇۋېتىلگەن ماشىنىسىغا يامىشىپ ئويناشماقتا.
مىسىر تەرەپ تەشەببۇس قىلغان ئىسرائىلىيە-پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرىنىڭ غەززا رايونىدا 72 سائەت ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاۋغۇست كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى. ئىسرائىلىيە تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ شۇ كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ يەر يۈزى قوشۇنلىرى شۇ كۈنى غەززا رايونىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ، غەززا رايونى بىلەن ئىسرائىلىيە چېگرىداش يەرگىچە چېكىنىپ چىققان.
مىسىرنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى بىلەن پەلەستىندىكى خاماس ئىسلام قارشىلىق تەشكىلاتى ۋەكىللىكىدىكى پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرى 72 سائەت شەرتسىز ئۇرۇش توختاتقان بولۇپ، بۇ مەزگىلىدە قاھىرە تەرەپ ئىسرائىلىيە-پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا مۇرەسسە قىلىشنى قانات يايدۇرماقچى بولغان.
ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان پەلەستىن پۇقرالىرى كوچىلارغا چىقىپ سەي-كۆكتات، دورا قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى بەس-بەستە سېتىۋېلىشقان بولۇپ، غەززا كوچىلىرى يەنە قايتىدىن قاينام تاشقىنلىققا تولغان.

