ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 3- ئاۋغۇست خەۋىرى: غەززەدىكى قالايمىقانچىلىق تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ ، 500 مىڭغا يېقىن ئادەم يۇرت - ماكانسىز قالدى. بۇ رايوندا دورىلار تۈگەپ ، جەسەتلەرنى قويىدىغان يەر قالمىدى.
ب د ت ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: بۇ رايوندىكى داۋالاش ئورگانلىرى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولۇپ، 3/1 يېرىمغا يېقىن تېببىي خادىم ئىشسىز قالدى . 270 مىڭغا يېقىن مۇساپىر ب د ت نىڭ 90 نەچچە مۇساپىرلار لاگىرىغا يىغىلدى . 3-ئاۋغۇست ئەتىگەندە، بۇ يەردىكى بىر لاگىر راكېتا بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، 10 ئادەم قازا قىلدى ، 35 ئادەم يارىلاندى.
ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون قاتتىق ئەيىپلەپ، بۇ ‹‹ نومۇسسىزلىق ۋە جىنايى قىلمىش ›› دېگەن .
ئىسرائىلىيە تەرەپ خاماسنىڭ پۇقرالارنى قالقان قىلىپ، راكېتا بومبىنى يوشۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى . ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى گەرچە لەخمىنى ۋەيران قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، غەززە رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشقا باشلىغان بولسىمۇ، بىراق ھۇجۇمنى يەنىلا داۋاملاشتۇرماقتا.
ئەنگىلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : غەززە رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىش كېرەك .