ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئىسرائىلىيە كېررىينىڭ تېلېفونىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغان

ۋاقتى : 2014-08-05  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئابدۇللا

 12.jpg

بىرلەشمە تورى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى خەۋەر قىلىدۇ: ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى بۇلتۇر ئوتتۇرا شەرقتە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەندە، ئۇنىڭ تېلېفونى ئىسرائىلىيە ئالاھىدە خادىملىرى ۋە باشقا ئاز دېگەندە بىر جاسۇسلۇق ئورگىنى تەرىپىدىن ئوغرىلىقچە ئاڭلانغان.

بۇلتۇر ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئدارىسىنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيىتى ئاشكارىلىنىپ، باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ تېلېفونى ۋە ئالاقىسىنى نازارەت قىلغانلىقى پاش بولغاندا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. بىراق گېرمانىيەنىڭ بىر ھەپتىلىك ژۇرنىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئەمەلىيەتتە باشقا دۆلەتلەرمۇ ئامېرىكىغا قارىتا ئوخشاش خىلدا جاسۇسلۇق پائالىيىتىدە بولغان.

گېرمانىيەنىڭ بۇ ژۇرنىلى جاسۇسلۇق ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل قىلىشىچە، گەرچە كېررىي ۋاشىنگتوندىكى تۇرالغۇسىدا بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىلغان تېلېفون ئىشلەتسىمۇ، ئەمما ئۇ سىرتقا چىققاندا ياكى زىيارەتكە بارغاندا جىددىي تېلېفون ئۇرماقچى بولغاندا، بەزى چاغدا ئوغرىلىقچە ئاڭلاشتىن مۇداپىئەلىنەلەيدىغان ئادەتتىكى تېلېفون ئىشلىتىدىكەن، بۇ چاغدا چەتئەل ئالاھىدە خادىملىرى ئاسانلا ئوغرىلىقچە ئاڭلىۋالىدىكەن.

بۇ ژۇرنالدا مۇنداق يېزىلغان:«ئىسرائىلىيە جاسۇسلۇق ئورگىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز دېگەندە ئىككى جاسۇسلۇق ئورگىنى سۈنئىي ھەمرا ئارقىلىق زور مىقداردا بۇ خىلدىكى تېلېفونلارنى نازارەت قىلىدۇ ۋە ئوغرىلىقچە ئاڭلايدۇ».

شۇڭا، كېررىي ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مەسىلىسى ھەققىدە ياراشتۇرۇش قىلغاندا، ئۇ رايون ئىچىدىكى باشقا رەھبەرلەر بىلەن نېمىلەرنى سۆزلەشكەنلىكىنى ئىسرائىلىيە ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ.

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا