يەر شارى تورى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى خەۋەر قىلىدۇ: پەلەستىن ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتى داۋاملىق قالايمىقانچىلىقتا تۇرماقتا. ئۇرۇش ئوتى لاۋۇلداپ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى ئېلىپ كەتتى، ئەمما بىرلا ۋاقىتتا يېڭى ھاياتلىق تۇغۇلۇپ تۇردى. شىياڭگاڭنىڭ «شەرق گېزىتى» نىڭ 8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر پەلەستىنلىك ئېغىر ئاياق ئايال پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بۇزۇلۇشتىن بۇرۇنقى نەچچە سائەت ئىچىدە تۆت كېزەك تۇغقان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئايالنى تۇغدۇرغان دوختۇرخانا 7-ئاينىڭ 28-كۈنى توپ ئوقىدا زەخىمگە ئۇچراپ، نەچچە ئادەم يارىدار بولغان. بۇ ھامىلىدار ئايال 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى قىسقا ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىغان مەزگىلدە ئۈچ ئوغۇل ۋە
بىر قىز تۇغقان. ئانا ۋە بالىلار ساغلام ئىكەن، دوختۇر تۆت كېزەكنىڭ سۈرىتىنى تورغا يوللاپ خۇشاللىقتىن بەھرىمان قىلغان. ئەمما بۇنداق خۇشاللىق ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى يوشۇرۇپ قېلىشى يەنىلا تەس. غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ب د ت مەكتىپى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى بومباردىمانغا ئۇچراپ، 10 ئادەم قازا قىلدى، 3 ئادەم يارىدار بولدى. جەسەتلەر بەك كۆپ بولغانلىقتىن، دوختۇرلار جەسەتلەرنى ئەسلىدە كۆكتات قويىدىغان سوغۇق ساقلاش ئۆيىگە قويۇشقا مەجبۇر بولدى.