ئامېرىكا «دىپلوماتلار سىياسىتى» ژۇرنىلى تور بېكىتىدە 28-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان «پۇتىننىڭ كېيىنكى قەدىمى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: مالايسىيا يولۇچىلار ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرىۋېتىلگەندىن كېيىن، پۇتىن كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان غەزەپلىك سادالارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، غەرب ئۇنىڭدىن بۇ قېتىملىق ئاۋارىيەنىڭ جىنايەت گۇماندارى بولغان بۆلگۈنچى قوشۇنغا ياردەم بېرىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ روسىيە-ئۇكرائىنا چېگراسىنى تاقاپ، بۆلگۈنچى قوشۇننى تەمىنلەيدىغان روسىيەلىك پىدائىيلار ۋە قورال-ياراغلارنى ئۈزۈۋېتەرمۇ ياكى قارشىلىشىش خاراكتېرلىك ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ، ئۇكرائىنا ئارمىيىسىنىڭ يېقىنقى نەچچە ھەپتىدە ئېيتقان روسىيە زېمىنىنى توپقا تۇتۇش ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرارمۇ؟
پۇتىن يۇقىرىدا ئېيتىلغان ھەرقانداق ئۇسۇلنى قوللانمايدۇ، ئەمما ھېچبولمىغاندا ھازىر كېلىشەلمەيۋاتقان غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلمايدىغان يۆنىلىشتە ھەرىكەت قوللىنىش ئۈچۈن ۋاقىتنى ئارقىغا سۈرىۋاتقاندەك قىلىدۇ. پۇتىن ئۇكرائىنا كىرىزىسى يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسىنى كۈچلۈك ئەيىبلەپ، بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىگە ئىتتىرىپ قويۇۋاتىدۇ.
مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى مارسا لىپمەن: پۇتىننىڭ ئالدىنقى نەچچە ئايدا ئىنتايىن ئۆتكۈر دىپلوماتىيە سىياسىتى ئىستراتېگىيسى يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى بار ئىدى، بىر جەھەتتىن، ئۇنىڭ ئۇكرائىنا سىياسىتى مۇۋاپىق بولمىدى، يەنە بىر جەھەتتىن، تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە كەڭ ئېمبارگودىن خالىي بولدى. ئۇنىڭ ۋاستىسى ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە ئارىسىدىكى ئىختىلاپتىن پايدىلىنىش، ئەمما مالايسىيا يولۇچىلار ئايروپىلانى ئاۋارىيەسىدىن كېيىن، پۇتىننىڭ ئىستراتېگىيىسىنى ئىشقا سېلىش بوشلۇقى قىسقاردى، دېگەن.
پۇتىن ئەمدى پۇرسەت كۈتۈشى مۇمكىن. روسىيە مۇستەقىل ئاقىللار ئامبىرى دىپلوماتى ۋە دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى كومىتېتىنىڭ رەئىسى فېدور لۇژىيانوف: پۇتىن ئاۋارىيەنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ساقلاۋاتىدۇ، ئۇ يولۇچىلار ئايروپىلانىنى كىمنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۋەتكەنلىكىنى دەلىللەپ بېرىدىغان بىۋاستە ئىسپاتنى تەكشۈرۈپ تاپقىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىغا قارايدۇ. ئۇ پەقەت ۋاقتى كەلگەندىلا مۇۋاپىق تەدبىر بەلگىلەيدۇ، دەپ قارىغان.
روسىيە خەلقى بۆلگۈنچى كۈچلەرنى قەتئىي قوللايدۇ. چېگرانى تاقاش روسىيەلىك تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ۋە پىدائىيلارنى ئۇكرائىنانىڭ قاتمال ۋەزىيىتىدىن ۋاز كەچتۈرىدۇ ھەمدە ئۇلار قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ، بۇيرۇققا بويسۇنغان بۆلگۈنچى كۈچلەر ئۇكرائىنادىكى «فاشىست» لارنىڭ قولىدا ئۆزىنى ئۆزى گۇمران قىلىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇل چوقۇم پۇتىننى قوللاش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىلگىرى مالايسىيا يولۇچىلار ئايروپىلانى ئاۋارىيەسى پۇتىنغا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى روسىيەپەرەس بۆلگۈنچىلەردىن يىراقلىشىش ھەم چېگرانى تاقاش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، دەپ قارىغان. پۇتىن ئەكسىچە، مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا بۇ قېتىملىق ئاۋارىيەنى ياۋروپاپەرەس ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىگە دۆڭگەپ قويدى ھەمدە ئۆز مەيدانىنىڭ ھەرگىز ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ روسىيەنىڭ خەلقئارالىق ئېمبارگو ۋە ئىقتىسادىي، سىياسىي كىرىزىسقا دۇچ كېلىش خەۋپىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋەتتى.
مالايسىيا يولۇچىلار ئايروپىلانى ئاۋارىيەسى غەربنىڭ مەيدانىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ئارىسىدىكى ئېمبارگو مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپنى كىچىكلەتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ، پۇتىن قارىماققا يولغا قويغان ئىستراتېگىيىسىنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايدىغان ياكى ئۆزگەرتەلمەيدىغاندەك تۇرىدۇ. بۇ خىل ئىستراتېگىيە پۇتىننىڭ روسىيەدىكى شۆھرىتىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزدى.
غەرب ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرى پۇتىننىڭ مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن ئىستراتېگىيىسىنى قايتا ئويلىنىشقا باشلايدىغانلىقىغا ھەمدە ئامالنىڭ بارىچە كىرىزىسىنى پەسەيتىدىغانلىقىغا ئىشىنىشنى خالايدۇ، لېكىن خەلق رايىنى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، روسىيەلىكلەر پۇتىننىڭ ئۇنىڭ ئەكسىچە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
سىياسىي ئانالىزچى ئالىكساندىر مولوزوف: پۇتىن ئۇكرائىنا بۆلگۈنچىلىرىدىن يىراقلىشىپ، غەربنىڭ دىققىتىنى بۇرىسا بولىدۇ، بىراق بۇنداق قىلىش ھېچقانداق سىياسىي مەنپەئەت يەتكۈزمەيدۇ، بۆلگۈنچىلەردىن ھازىر يىراقلىشىش بالدۇر ياكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، پۇتىن پۇرسەتنى ئۆتكۈزىۋەتتى، دېگەن.