ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  مەدەنىيەت

ئەرەبلەردە سەدىقە مەدەنىيىتى: سەدىقە تىلەش نومۇس ئەمەس

ۋاقتى : 2014-08-07  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

 10.jpg

ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئۇزۇن يىل ئىشلىگەنلىكتىن، «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرى ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى تىلەمچىلەرنى كۆپ كۆرگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزى سالاپەتلىك، ئاشقان-تاشقان يېمەكلىكلەرنى يېمەيدىغان «ئېسىل تىلەمچىلەر» ۋە كىيىنىشى رەتلىك، ئاندا –ساندا تىلەيدىغان «ئىشتىن سىرتقى» تىلەمچىلەرمۇ ئاز ئەمەس. بۇ تىلەمچىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئەرەبلەرنىڭ ساخاۋەتكە خۇشتار ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرۇپتۇ، بۇنىڭ ئارقىسىدا بولسا ئەرەب دۇنياسىدىكى ئۆزگىچە سەدىقە مەدەنىيىتىدۇر.

«سالاپەتلىك تىلەمچى»لەر

دېڭىز قولتۇقىدىكى نېفىت بىلەن بېيىغان دۆلەتلەردىن باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلمىغان ھالەتتە بولۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئانچە باياشات ئەمەس، كوچىلاردا تىلەمچىلەر قەدەمدە بىر دېگۈدەك ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەمما بۇ تىلەمچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى روھلۇق، سالاپەتلىك بولۇپ، تۇرقىدا كەمبەغەللىك ۋە ئاچ –زارلىقتىن ئەسەر يوق. ئۇلارنىڭ كىيىنىشى رەتلىك، گەپ –سۆزلىرى جايىدا. ناخشا ئارقىلىق سەدىقە بەرگۈچىلەرنى جەلپ قىلمايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ جىسمانىي كەمتۈكلۈكىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاشنى ئويلاشمايدۇ. باشقىلار پۇل بەرگەندە، دۇئا ۋە ياخشى تىلەكلىرى بىلەن سەدىقە بەرگۈچىلەرنىڭ ساخاۋىتىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. ساياھەتچىلەرنى قوغلىشىپ، قورشىۋېلىپ تىلەيدىغان دۆلىتىمىز تىلەمچىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇلارنى سالاپەتلىك تىلەمچى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ.

مۇخبىرىمىز تۇرۇشلۇق يەردە مۇشۇنداق سالاپەتلىك تىلەمچىدىن بىرى بار، ئۇنىڭ تىلەمچىلىك ئەسۋابلىرى ئاددىيلا: ئولتۇرىدىغان بىر پارچە گىلەم، بىر دانە تەسۋى ۋە ئالدىغا قويىدىغان بىر دانە ئاليۇمىن قاچا. ھەر سەھەر، بىر كىيىم –كېچەك دۇكىنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ جايلاشقاندىن كېيىن، كۆزىنى يۇمۇپ ئايەت ئوقۇشقا باشلايدۇ. ھېرىپ قالسا، كۆزىنى ئېچىپ كوچىدىن ئۆتكەنلەرگە قاراپ ھاردۇق چىقىرىدۇ، چارچىسا، شۇ جايىدىلا كىچىككىنە مۈگىدىۋالىدۇ. ئۇنىڭ كىيىنىشى جايىدا بولۇپ، كىشىگە ياقمايدىغان قىلىقى يوق، دۇكانغا كىرگەن كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئۇنىڭغا سالام قىلىپ ئۆتىدۇ، ھەتتا بەزىلىرى ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇندىن –ئۇزۇنغا مۇڭدىشىپ كېتىشىدۇ. ھەتتا دۇكان خوجىدارىمۇ ئونى قوغلىمايدۇ، ھەتتا يامغۇر ياغقان كۈنلىرى بۇ كىشىگە كۈنلۈك ئەپچىقىپ بېرىدۇ. دەسلەپتە، مەن بۇ تىلەمچىنى ھۆرمەتكە سازاۋەر شەيخ ئوخشايدۇ دەپ قالغان ئىكەنمەن، كېيىنچە بايقىسام بۇ كىشى ئادەتتىكى بىر تىلەمچى ئىكەن.

ئىشتىن سىرتقى تىلەمچىلەر

يەردە ئولتۇرۇپ ئالدىغا قاچا قويغانلارنىلا تىلەمچى دەپ قالماڭ، ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاشلا يۈرىدىغان تىلەمچىلەرمۇ ئاز ئەمەس. جۇڭگولۇقلار دائىم ئۆزلىرىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىشقا ئۇچرىغانلىرىنى ھېكايە قىلىشىدۇ: يېڭى تونۇشقان بىر ئەرەب دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتىم، تۇيۇقسىز مەندىن پۇل سورىدى. بۇ پۇل سوراشنىڭ باھانىلىرى كۆپ ۋە ھەر خىل، بەزىلىرى قولۇمدا پۇل يوق بولۇپ قالدى، ياكى باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قاتارلىقلار، بۇ باھانىلەر ۋە بۇ خىل ھالەتتە، رەت قىلىشقا ئامالسىز قالىدىغان گەپ. ئەمما بۇ كىشىلەر سالاپەتلىك، گەپ –سۆزلىرى جايىدا بولۇپ، كۆرگەن كىشى ھەرگىز پۇلدىن قىسىلىپ قاپتۇ دېمەيدۇ. بىر قېتىم بىرىدىن نېمىشقا پۇل سورايسەن دېسەم، ئۇ ماڭا « سەن دېگەن چەتئەللىك، چوقۇم مەندىن باي. مەن ياردەمگە موھتاج بولۇپ قالغىنىمدا، ئازراق پۇل بەرسەڭ نېمە بولۇپتۇ؟» دېگەن ئىدى.

تېخىمۇ قىزىقى، بىنانىڭ ئالدىدىكى ئامانلىق ساقلاش ئۆيىدە ئىشلەيدىغان بىرى مەندىن پۇل سورىدى، مەن پۇل ئېلىپ بېرىۋاتسام، پورتمالىمدىكى باشقا پۇل يەرگە چۈشۈپ كەتتى، بۇ ئامانلىق ساقلىغۇچى مەن بەرگەن سەدىقىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن رەھمەت ئېيتىشنىڭ ئورنىغا، «بۇ پۇلنى مەنمۇ كۆرۈپ قالدىم، شۇڭا تەڭ بۆلۈشىشىمىز كېرەك» دەيدۇ. كېيىن بۇ ئىشنى باشقا ئەرەب دوستلىرىمغا ئېيتسام، ئۇلار ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭ قىلغانلىرىنى توغرا، ياردەمگە موھتاج بولسا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىشىمىز كېرەك دېيىشتى.

ئەرەبلەرنىڭ ئۆزگىچە سەدىقە مەدەنىيىتى

«مىڭ بىر كېچە» ھېكايىلىرىدە پەزىلەتلىك كىشىلەرنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن «خەيرى-ساخاۋەتلىك» دېگەن سۆزنى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدۇ، مەيلى ئۆزى نامرات ھالەتتە خۇلۇم –قوشنىلىرىغا ياردەم قىلغان ئالائىددىن بولسۇن، بېيىغاندىن كېيىن يۇرتىدىكىلەرگە ياردەم قىلغان ئەلى بابا بولسۇن ياكى ساخاۋەتكارلىقى سەۋەبلىك كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان سىندبات بولسۇن...، ئەمەلىيەتتە، خەيرى –ساخاۋەتلىك بولۇش، ئەرەبلەرنىڭ گۈزەل پەزىلەتلىرىدىن بىرى. ئەرەب دۆلەتلىرىدە، مەيلى كىتاب ياكى ماقال-تەمسىللەردە، كىشىلەرنى ياخشىلىققا ئۈندەيدىغان مىساللار تولۇپ يېتىپتۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە دائىم قۇلاققا كىرىپ تۇرىدىغىنى--- «ئاخىرقى تۆگەڭ بولسىمۇ، موھتاج كىشىگە بەر». 

بۇ ياخشىلىقلار ئەرەبلەرنىڭ ئۆزگىچە سەدىقە مەدەنىيىتى سەۋەبىدىندۇر. بىر تەرەپتىن، چارۋىچىلىق تۇرمۇشى سەدىقە مەدەنىيىتى ئۈچۈن بىر بۆشۈك بولغان. قەدىمدە، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكىلەر چارۋىچىلىقنى ئاساسلىق تۇرمۇش شەكلى قىلغان بولۇپ، كىشىلەر كۆچۈپ يۈرگەچكە، ئاچلىق، كېسەللىك ۋە ئۆلۈم دائىم ئۇچراپ تۇراتتى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا ساخاۋەتلىك بولۇش ۋە مېھماندوستلۇق ئادەت بولۇپ شەكىللەنگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەرەبلەرنىڭ سەدىقە مەدەنىيىتى دىن بىلەن زىچ باغلانغان. ئىسلام مەدەنىيىتىدە، دۇنيادىكى بارلىق بايلىقلارنى ئاللاھ ياراتقان، ئىنسان پەقەت بۇ بايلىقلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى خوجىدارى. شۇ سەۋەبتىن بايلىق بىلەن كىشىلىك قەدىرى –قىممەتنىڭ ئانچە كۆپ مۇناسىۋىتى يوق، تىلەمچىلەر كىشىلىك قەدىرى –قىممىتىنى يوقاتمىغان ھالدا سەدىقە سورىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سەدىقە بېرىش---ساۋابقا ئېرىشىشنىڭ زۆرۈر شەرتى، ساۋاب بولسا جەننەتكە كىرىشنىڭ شەرتى. سەدىقە ۋە سەدىقە بەرگۈچىنىڭ ئەخلاق –پەزىلىتى باقى دۇنيا ئارقىلىق بىر –بىرىگە باغلانغان بولۇپ، مۆمىن كىشىلەر ساۋاب ئۈچۈن سېخىيلىق بىلەن سەدىقە بېرىشىدۇ.

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا