سايرام كۆلىنىڭ شەرقى بىلەن غەربىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 كىلومېتىر، جەنۇبى بىلەن شىمالىنىڭ كەڭلىكى 30 كىلومېتىر، كۆلىمى 454 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، كۆل سۈيىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرى 86 مېتىر كېلىدۇ. كۆلنىڭ سۈيى ياپ-يېشىل ۋە سۈپ-سۈزۈك بولۇپ، سۇ يۈزى داۋالغۇپ تۇرىدۇ. كۆلنىڭ تۆت ئەتراپى ھەيۋەتلىك تاغلار، ئورمانلىقلار ۋە ئوت-چۆپلەر بىلەن تولغان. كۆلنىڭ ئەتراپىغا ئۇيسۇنلار قەبرىستانلىقى، قىياتاش رەسىملىرى ۋە تاش ئويمىلار بار. سايرام كۆلى بويىدا دۆلەت دەرىجىلىك بايرام قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن «نادام بايرىمى»نى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەر يىلى ئىيۇننىڭ ئاخىرى ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا شۇ يەردىكى موڭغۇللار بۇ يەردە نادام بايرىمىنى تەبرىكلەيدۇ. سايرام كۆلى تۇرۇپ-تۇرۇپ دولقۇنلايدىغان ۋە تۇرۇپ-تۇرۇپ جىمجىت بولۇپ قالىدىغان كۆل بولۇپ ، تۆت پەسىلدە بۇ كۆلدە نامايان بولىدىغان گۈزەللىك ۋە جىمجىتلىق كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ