
1. بويۇن ئارتىيەلىرى
2. بويۇن ئومرۇتقىسى
3. ئارقا مىڭە
4. بويۇن ۋىنالىرى
5. ھەلقۇم
6. نەپەس يولى
7. ئۆتكۈز پىچاق
ئۆز بەندىللىرىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن تۈرلۈك جانۋارلارنى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ پاكلىرىنى ھالال قىلىپ بەرگەن پەرۋەردىگارىمىزغا تۈگمەس ھەمدۇ سانالار بولسۇن.
ئىنسانىيەتكە يىمەكلىكلەرنىڭ ھالال ھارىمىنى ئۈگەتكەن، جانۋارلارنى ھالاللاش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھىۋەسسالامغا دۇرۇت_سالاملار بولسۇن.
ئەلھەمدۇلىللاھ، ساناقلىق كۈنلەردىن كىيىن قۇربان ھېيىتىمىز يىتىپ كىلىدۇ. مۇسۇلمانلار جانۋار سويۇپ، پەيغەمبەرلىرىمىزدىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، مۇھەممەد سەللالاھۇ ئەلەيھىۋەسسالاملارنىڭ سۈننەتلىرىنى ئادا قىلىپ، قۇربانلىقتىن ئىبارەت بۈيۈك ئىبادەتنى ئادا قىلىدۇ.
«زەبىھ»_ ھايۋانلارنى شەرئىي ئۇسۇل بويىچە سويۇشنى كۆرسىتىدۇ.
ئىسلام شەرىئىتىنىڭ جانۋارلارنى سويۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك شەرىتلەرنىڭ بىجىرلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ:
1. ھايۋان ۋەھشى تېز ۋە ئۆتكۈز پىچاق بىلەن بوغۇزلىنىدۇ. شۇنىڭدەك جانۋار قىينىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن مال بوغۇزلىغان كىشىمۇ پىچاقنى تېز سۈرىشى شەرت. ھەرە ئىشلەتكەندەك غىداشقا بولمايدۇ.
2. بوغۇزلىغاندا ھايۋاننىڭ نەپەس يولى (ھەلقۇمى)، قىزىل ئۆڭكەش، ۋە قان تومۇرلىرى تولۇق كىسىلىشى شەرت.
ئەرەپ تىلىدىكى «زەبىھە» پىئىلى بوغۇزلاشنى كۆرسىتىدۇ. «زەبىھ» دە ھايۋاننىڭ بوغۇزى، نەپەس يوللىرى ۋە بويۇندىكى قان تومۇرلىرى كىسىلىدۇ. بىراق ئارقا مېڭىسى كىسىلمەيدۇ.
3. جانلىقنىڭ قېنى راۋۇرۇس ئاققۇزۇلىشى شەرت.
جانلىقنىڭ بېشى چورت ئۈزۈلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ قېنى تولۇق ئېقىپ چىقىپ كىتىشى شەرت. بۇنىڭدىكى مەقسەت شۇكى، ھايۋاننىڭ تىنىدە تۈرلۈك مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ ياشاش بوشلۇقى بولغان قان قالماسلىقى كىرەك. ئارقا مېڭە كىسىلمەي تۇرىدۇ. ئەگەر ئارقا مېڭە كىسىلىپ كەتسە يۈرەككە تۇتاشقۇچى نېرۋا تالالىرى ئۈزۈلۈپ، يۈرەك توختاپ قېلىشى، نەتىجىدە تومۇرلاردا قان قېتىپ قېلىشى مۇمكىن.
قان_باكتىريەلەر، مىكروپلار كۆپ ئۇچرايدىغان ئورۇن. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرئىي سويۇش ئۇسۇلى قاننىڭ تولۇق ئېقىپ چىكىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شەرئىي ئۇسۇلدا قېنى تولۇق ئېقىتىلىپ سويۇلغان ماللارنىڭ گۆشىدە مىكروپ، باكتىريەلەر ئازراق بولىدۇ.
شەرئىي تەلەپكە ئاساسەن سويۇلغان ماللارنىڭ گۆشى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە بۇزۇلماي ساق تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدىكى قاننىڭ مىقدارى باشقا ئۇسۇلدا سويۇلغان مالنىڭ گۆشىدىكىسىگە قارىغاندا ئازراق بولىدۇ.
شەرئىي ئۇسۇلدا سويۇلغان مال ئاغرىقنى سەزمەيدۇ. بويۇن تومۇرلىرى بەكمۇ ئۆتكۈر ئىتتىك پىچاقتا تېزلىك بىلەن كىسىۋىتىلسە، مېڭىنىڭ ئاغرىق سەزگۈچى ئەسەپ تالالىرىغا قان بارماي قالىدۇ دە، ھايۋان ئاغرىق سىزىشتىن دەرھال توختايدۇ. شەرئىي ئۇسۇلدا سويۇلغان ماللارنىڭ تىپچەكلەپ كىتىشى ھەرگىزمۇ ئاغرىق تۈپەيلى ئەمەس، بەلكى مۇسكۇللارنىڭ تېز_تېز قىسقىراپ بوشىشى ۋە قاننىڭ ئېتىلىپ چىقىشى تۈپەيلى بولغان بولىدۇ.