جۇڭگو ئاخبارات تورى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى تېلېگراممىسى، جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئەمەلدارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2013-يىلى تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائەت ئېكسپورت قىممىتى بىر مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەت نۇقتىسىنى ياراتقان.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئاۋىئاتسىيە سانائەت ئېكسپورت سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى لادىف . ئالىسنىڭ بىر قېتىملىق باياناتىدا دېيىشىچە، تۈركىيە 2013-يىلى ئىمزالىغان ئېكسپورت توختامى 2012-يىلدىكىدىن %10 ئاشقان. گەرچە پۈتۈن دۆلەتنىڭ ئېكسپورتى 2013-يىلى توختاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت مۇداپىئە ئېكسپورتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر بارلىققا كەلگەن، 2008-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا %43 ئاشقان، دۆلەت مۇداپىئە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئېكسپورت قىلىنغان. 2014-يىلىدىكى نىشان بولسا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئومۇمى قىممىتىنى ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈش بولۇپ، بۇنداق بولغاندا 2013-يىلىدىكى ئومۇمى قىممەتتىن %44 ئاشىدىكەن.
2013-يىلىدىكى ئېكسپورت قىممىتىنىڭ ئېشىشى ئاساسلىق تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە سانائىتى شىركىتىگە تەۋە بولۇپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئېكسپورت ئومۇمى قىممىتى 537 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان، ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائەت ئېكسپورت قىممىتىنىڭ %39 نى ئىگىلىگەن. مەزكۇر شىركەت 2013-يىلىT-129 زەربىدار تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋە «ئەنقا» ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى قاتارلىقلارنى ياساپ چىققان.
ئالىسنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا بولسا دۇنيادىكى بىرىنچى دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن، 2013-يىلى تۈركىيىنىڭ بۇنىڭدىكى ئېكسپورت تەرتىپىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.
2013-يىلىدىكى ئاساسلىق ئېكسپورت تۈرلىرى بولسا ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان ئۈسكۈنىلىرى، ماتور، قۇرۇقلۇق برونېۋىك ماشىنىسى، تېز كاتېر، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، راكېتا، يېنىك تىپلىق قورال ۋە سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ، قومدانلىق قىلىش ۋە كونترول قىلىش سىستېمىسى، تەقلىد ئەسۋابى، يەتكۈزۈش ئەسۋاب ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، 2023-يىلى بولسا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان ۋاقىت بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئە ئېكسپورت قىممىتىنى 25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈش پىلان قىلىنغان، ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم ئەمەلدارلار بۇ نىشانغا يېتىشتە ئېھتىيات قىلىش كېرەك دەپ كۆرسەتكەن.