ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

جاھاندىكى ئىشلارغا نەزەر

ۋاقتى : 2013-12-23  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

01.jpg

شۇ يەر ۋاقتى 17-دېكابىر كۈنى، چاۋشيەننىڭ ئەڭ ئالى رەھبىرى كىم جۇڭئۇن پىيۇڭياڭدىكى ئارمىيە ۋە خەلق بىلەن بىرلىكتە كىم ئېرسىن مەيدانىغا يىغىلىپ، كىم ئېرسىن ۋە كىم جۇڭئىلغا ھۆرمەت بىلدۈردى. 17-دېكابىر كىم جۇڭئىلنىڭ ۋاپات بولغىنىغا ئىككى يىل بولغان.

02.jpg

شۇ يەر ۋاقتى 16-دېكابىر جەنۇبىي ئافرىقىدىكى لىتولىيا، نەچچە ئون مىڭلىغان ئامما ۋاپات بولغان سابىق زۇڭتۇڭ ماندىلانىڭ توققۇز مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھەيكىلىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

03.jpg

شۇ يەر ۋاقتى 17-دېكابىر سۇرىيە ئالىپو شەھىرى، ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىككى ئەر. بۇ قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا 13 ئادەم قازا قىلغان.

04.jpg

شۇ يەر ۋاقتى 16-دېكابىر كۈنى، فرانسىيە لائوپراخ، بوشلۇقتا ماڭغۇچى ماھارەت كۆرسەتمەكتە.

05.jpg

شۇ يەر ۋاقتى 16-دېكابىر كۈنى، 2014-يىللىق دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىغان ساھىبخان ئورۇن برازىلىيە، مۇسابىقە مەيدانى بولغان ماراكانا مەيدانىنى ياساش داۋامىدا شۇ مەيدان ئەتراپىدىكى ئىندىئان مۇزېيىنىمۇ ئۆزگەرتمەكچى بولغاندا، كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.

06.jpg

شۇ يەر ۋاقتى 17-دېكابىر كۈنى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ياكۇنوۋىچ بىلەن بىرگە يىغىنغا قاتناشتى.

07.jpg

شۇ يەر ۋاقتى 18-دېكابىر كۈنى، ھىندىستان، ھىندىستاننىڭ نىيۇ يوركتىكى باش ئىش بېجىرگۈچىسى ھىندىستانلىقلار تاپشۇرغان ساختا ۋىزىنى قوبۇل قىلغانلىق سەۋەبى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلغاندا خورلۇققا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن يېڭى دېھلىدىكىلەر نامايىش قىلماقتا.

08.jpg

 

شۇ يەر ۋاقتى 17-دېكابىر، ئەنگلىيەلىك بىر ئايالنىڭ دېڭىز بويىدىكى ئۆيى بەش يىلدىن بىرى دېڭىز سۈيىدىن يالاپ كېتىشى بىلەن ئۆينىڭ ئاستى بۇزۇلۇپ كەتكەن.

 

09.jpg

شۇ يەر ۋاقتى 16-دېكابىر كۈنى، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى كىشىلەر مىللىي ئابىدىسى خاتىرە سارىيىغا يىغىلىپ، «مىللەت بىرلىككە كېلىش» پائالىيىتىنى خاتىرىلىدى.

10.jpg

شۇ يەر ۋاقتى 18-دېكابىر كۈنى ئەنگلىيە بايرامنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئەتىر سېتىش دۇكىنى ئالاھىدە بىر سېتىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. خېرىدارلار مودېلغا چېچىلغان ئەتىرنى پۇراش ئارقىلىق ياقتۇرغانلىرىنى سېتىۋالسا بولىدىكەن.

11.jpg

شۇ يەر ۋاقتى 16-دېكابىر، ئۇكرائىنادىكى نامايىشچىلار مۇستەقىللىق مەيدانىدا شاھمات ئويناشتى، ئۇكرائىنادا بۇ نامايىشنى داۋاملىشىۋاتقىنىغا ھازىرغىچە تۆت ھەپتە بولدى.

12.jpg

شۇ يەر ۋاقتى 16-دېكابىر كۈنى، ئىتالىيە ساقچى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىر ئاينىڭ ئالدىدا 20 ياشلىق قىز فولۋىرنىڭ ساقچىنىڭ يۈز قالقىنىغا سۆيگەنلىكىنى ئەيىبلەپ سوتقا نارازىلىق ئەرزىنى سۇندى.

13.jpg

شۇ يەر ۋاقتى 18-دېكابىر كۈنى، ئامېرىكىنىڭ كورىيەدە تۇرۇشلۇق ئوفىتسېرلىرى شۇ يەرلىك ئاممىغا ئۆزلىرى ئىئانە قىلغان 5000 دىن ئارتۇق يۇمىلاق كۆمۈرنى توشۇپ بەردى.

 

14.jpg

شۇ يەر ۋاقتى 15-دېكابىر كۈنى، گۇاڭجۇدىكى بىر قۇرۇلۇش سارىيى ئېغىر ئوت ئاپىتىگە دۇچار بولدى.

15.jpg

شۇ يەر ۋاقتى 17-دېكابىر كۈنى، فرانسىيەدىكى ئالپېس تېغى چوققىسىغا يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1000 مېتىر كېلىدىغان پولات ئەينەكلىك مەنزىرە كۆرۈش ئورنى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى.

16.jpg

شۇ يەر ۋاقتى 3-دېكابىر جەنۇبىي ئافرىقىدىكى كرۇگر دۆلەتلىك باغچىسىدىكى بىر ئەركەك سۇ كالىسى شىرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان چىشى سۇ كالىسىنى قۇتۇلدۇرۇپ، بۇ شىرنى ئۈسۈپ بەش مېتىر ئېگىزلىككە چىقىرىۋەتتى.

17.jpg

شۇ يەر ۋاقتى 14-دېكابىر كۈنى، ئامېرىكا فلادىلفىيە، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلار تىرىنېرىنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئامېرىكا ستۇدېنتلىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسمى بىلەن دېڭىز ئارمىيە قىسمى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان زەيتۇن توپ مۇسابىقىسىنى كۆردى.

18.jpg

شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 17-دېكابىر، نىپال كاتماندۇ، بىر نىۋال يەرلىك ئايال يۈزى ۋە لېۋىنى بوياپ بىر ئىلاھنى سۈرەتلىگەن. ئۇ Yamari Puni بايرىمىلىق نامايىشقا قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلماقتا

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا