جۇڭگو ئاخبارات تورى : تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان 28- يانىۋار مەخسوس ئايروپىلان بىلەن ئىران پايتەختى تېھرانغا يىتىپ بېرىپ ، ئىراندىكى ئىككى كۈنلۈك ساياھىتىنى باشلىدى.
ئىران مەھەر ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ، ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى ئىران زىيارىتىنى مەقسىتى ئىران ئەمەلدارلىرى بىلەن رايۇن ئىشلىرى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ؛خەۋەردە دىيىلىشچە ، سۇرىيە توقۇنۇشى ۋە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇش بۇ قېتىمقى زۇڭلى ئەردوغاننىڭ ئىران زىيارىتىنىڭ مۇھىم نۇقسىتى دىيىلگەن .ئىران بىلەن تۈركىيە سۇرىيە توقۇنۇشى مەسىلسىدە ئىككىسىنىڭ قوللايدىغان تەرەپ ئوخشاش ئەمەس ، تۈركىيە سۇرىيە زۇڭتۇڭى بەشىرگە قارشى تۇرىۋاتقان سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللىسا ، ئىران دەل سۇرىيە زۇڭتۇڭى بەشىرنى قوللايدۇ . بىراق بۇ خىل مۇناسىىۋەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى سودا ھەمكارلىقىغا ئانچە دەخلى قىلمىغان . ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىم ئەردوغان ئىراندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ، ئىككى دۆلەت بىرلەشمە سودا كومىتىتىدا يىغىنغا قاتنىشىدىغان بولۇپ ، بەش تۈرلۈك سودا ھەمكارلىق توختامىغا ئىمزا قۇيىدىكەن ؛ مۆلچەرلىنىشىچە ، 2015- يىلى ، ئىران - تۈركىيە ئىككى دۆلەت سودا ھەمكارلىق ئومومىي سوممىسى 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىشى مۇمكىن دىيىلگەن .
ئىران ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە ، زىيارەت جەريانىدا ، ئەردوغان ئىراننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى Jahan giri بىلەن رەسمىي سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن ، ھەمدە ئىراننىڭ داھىيىسى خامىنەيى ۋە ئىران زۇڭتۇڭى روھانى ۋە باشقا ئىراننىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن .