ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

تۈركىيە تاشقى سودا تەتۈر تاناسىپى يەنە يېڭى رىكورت ياراتتى

ۋاقتى : 2014-02-03  مەنبەسى : nur.cn  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

 

ئېكىسپورتنىڭ تۆۋەنلىشى، ئىمپورتنىڭ ئېشىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تۈركىيەنىڭ 2013- يىلدىكى تاشقى سودا تەتۈر تاناسىپى 99 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يىتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 18.7% ئاشقان.
تۈركىيە سىتاتىستىكا ئىدارىسى 1-فېۋرال ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى پۈتۈن يىل تۈركىيەنىڭ ئېكىسپورت ئومۇم مىقدارى 151 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، 2012- يىلدىكىدىن 0.4% تۆۋەنلەپ كەتكەن. ئىمپورت مىقدارى 251 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2012- يىلدىكىدىن 6.4% ئاشقان. تاشقى سودا تەتۈر تاناسىپى ئېشىپ 18.7% كە يېتىپ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئەڭ يۇقىرى رىكورت ياراتقان.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، تۈركىيەنىڭ 2013- يىلدىكى تاشقى سودا تەتۈر تاناسىپىنىڭ چوڭ كۆلەمدە ئېششى ئاساسلىقى تۈركىيە لىراسىنىڭ كۇرسىنىڭ چۈشۈشى ۋە ئالتۇن ئىمپورتىنىڭ كۆپىيىش تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىدىن بولغان.
ئالدىنقى يىلى 5- ئايدىن بۇيان، تۈركىيە لىراسىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا پىرۋوت ئايرىۋاشلاش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىگەن، يىل ئاخىرىغا كەلگەندە جۇغلانما چۈشۈش نىسبىتى 29% كە يەتكەن. پىرۋوت بازىرىنىڭ تەۋرىنىشى تۈركىيەنىڭ پۇل- مۇئامىلە بازىرىنى قالايمىقان قىلىۋەتكەن، ھەمدە ئېكىسپورتنىڭ ئېشىشىغا تەسىر كۆسەتكەن. ئوخشاشلا، تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى يىلدا قىممىتى 16 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق 302 توننا ئالتۇن ئىمپورت قىلغان بولۇپ، 2012- يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 150% ئېشىپ، تاشقى سودا تەتۈر تاناسىپ كۆلىمىنى يەنىمۇ بىر قەدەم يۇقىرى كۆتۈرۈگەن. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، چوڭ بولغان تاشقى سودا تەتۈر تاناسىپى غايەت زور بولغان دائىملىق قىزىل رەقەمنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى ئېشىشىغا تەدھىد بولغان «داموكلىس شەمشىرى» گە ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كەلگۈسىدە ناۋادا مۇۋاپىق دائىرىدە كونترول قىلمىغاندا، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى بارغانسىرى چوڭىيىۋاتقان تەڭپۇڭسىز خەتەر كىرزىسىغا يۈزلىنىدۇ.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا