جۇڭگو ئارمىيىسى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى يېڭەلمەمدۇ؟
(شۈەن لىتەي قەلىمىدىكى مەزكۇر ماقالىنى ئانا تۇپراق تورى تەرجىمە قىلدى. ھەر قانداق توربەتنىڭ يۆتكىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ)

يېقىندا ئەنگلىيە خان جەمەتى بىرلەشمە مۇلازىمەت تەتقىقات ئورگىنىنىڭ پرافېسسورى چالمېرسنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ سانى 2 مىليون 300 مىڭغا يەتكەن، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ پەقەت 225 مىڭ ئىكەن. ئەگەر ئىككى دۆلەت بىلەن ئوخشاش ئارىلىقتىكى رايوندا بىر مەيدان ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەرسە، ئەنگلىيە جۇڭگونى مەغلۇپ قىلالايدىغان ھەربىي ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەن. رۇسىيە ئىستراتىگىيە ۋە تېخنىكا ئانالىز مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋاسلىنىڭ دېيىشىچە، گەرچە بۇ خىل ھەربىي توقۇنۇشنى پەرەز قىلغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما چالمېرس پرافېسسورنىڭ ئاساسى بار ئىكەن.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە ئازادلىق ئارمىيەنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ دەپ قارالغان، ئەمما ئەنگلىيە ئارمىيسى ئوخشاش مەزگىلدە داۋاملىق ئاخىرىنى كۆرگىلى بولمايدىغان خام چوت ۋە خادىم قىسقارتىش پىلانىنى يولغا قويدى. لېكىن، ئارمىيەنىڭ ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىغا چېتىشلىق ھەل قىلغۇچ مۇھىم بىر قانچە تەرەپتە، مەسىلەن يىراق رايونغا (شىمالىي ئافرىقا ۋە يېقىن شەرق) ئەسكەر ئەۋەتىش ئىقتىدارى، يىراق ئوكيان ئارقا سەپ تېخنىكا كاپالەت ئىقتىدارى ۋە ئالاھىدە قىسىملارنى مەشىقلەندۈرۈش ھەمدە تېخنىكا ئەسلىھەسى ساھەسى جەھەتلەردە ئەنگلىيە يەنىلا جۇڭگوغا قارىغاندا ئەمەلىي ئۇرۇش ئىقتىدارىدا ئۈستۈنلۈككە ئىگە.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ يەر شارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئەسكەر ئەۋەتىشتە 100 نەچچە يىللىق تارىخىي تەجرىبىسى بولۇپ، بۇ تەجرىبە داۋاملىق كۈچىيىۋېتىپتۇ. گەرچە ئەنگلىيە ھەربىي خام چوت سوممىسى يىلمۇيىل ئازايىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئەنگلىيەنىڭ يىراق رايونغا ئەسكەر ئەۋەتىش تېخنىكا ئىقتىدارى يەنىلا جۇڭگودىن كۈچلۈك بولۇپ. ئەنگلىيە ئارمىيىسى يەنە پات-پات يىراق رايوندا ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ كەلگەن.
خەۋەردە بۇنى ئاساس قىلىپ، گەرچە ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئادەم سانى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، لېكىن يەر شارىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا، ھەر خىل مۇھىتتا تۇرۇش ۋە ئۇرۇش قىلىش، ئارقا سەپ تەمىناتى، ئەسلىھە تولۇقلاش ھەمدە ئەسكەرلەرنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئۇرۇش قىلىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك جەھەتلەردە ئوڭۇشلۇق كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئارمىيەنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ساقلاش ھەمدە يىراق رايوندا ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، پەقەت  ئامېرىكا ئارمىيىسى بلەن ئەنگلىيە ئارمىيىسى بىر-بىرىدىن قېلىشمايدۇ، فرانسىيە ئارمىيىسى ئۇلاردىن سەل ئاجىز.
ئەپيۇن ئۇرۇشىدا، ئەنگلىيە ئارمىيىسى 40 نەچچە پاراخوت ۋە 4 مىڭ نەچچە ئەسكەر بىلەن جۇڭگونىڭ دېڭىز بويى رايونىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، بىرىنچى قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشىدا جۇڭگونى مەغلۇپ قىلغان. ئەمما جۇڭگو-چەتئەل ھەربىي كۈچىدە ئاسمان زېمىن پەرقلىنىدىغان دەۋر كەلمەسكە كەتتى. جۇڭگونىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى، ئىلغار قورال-ياراق تەتقىقاتى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىدى. شۇڭا ئەنگلىيە، جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۇرۇش كۈچىنى سېلىشتۇرۇشتا نېمىلا بولمىسۇن كونكرېت تەھلىل قىلىش كېرەك.
مېنىڭچە، ئەگەر بىر مەيدان ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشتا گەۋدىلىنىدىغان دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئۇرۇش قىلىش كۈچىدە تەبىئىيلا ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئازادلىق ئارمىيەنىڭ رەقىبى ئەمەس. ئەنگلىيە، جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ بىر مەيدان يۇقىرى تېخنىكىلىق قىسمەن ئۇرۇشتا ئۇنىۋېرسال ئۇرۇش قىلىش كۈچىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى سېلىشتۇرساق، كونكرېت تەھلىل قىلىش كېرەك: مەسىلەن بۇ قىسمەن ئۇرۇش جۇڭگونىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز، ھاۋا رايونى، جۇڭگو قۇرۇقلۇقى ھەمدە ھاۋا بوشلۇقىدا يۈز بەرسە، ئېنىقلا ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئازادلىق ئارمىيەنى يېڭەلمەيدۇ؛ ئەگەر ئافرىقا، يېقىن شەرق، ئوتتۇرا شەرق ھەتتا ھىندى ئوكيان ياكى جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى قۇرۇقلۇقىدا بۇ قىسمەن ئۇرۇش پارتلىسا، ئۇنداقتا چالمېرس پرافېسسورنىڭ ھۆكۈمىنىڭ ئاساسى بار، يەنى ئەنگلىيە جۇڭگونى مەغلۇپ قىلىشتەك ھەربىي ئىقتىدارغا ئىگە.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، دۆلەت زېمىنىدىن يىراق رايوندا بىر مەيدان يۇقىرى تېخنىكىلىق قىسمەن ئۇرۇش قىلسا، بولۇپمۇ دېڭىز، ھاۋا رايونىدا ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش قىلسا، ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشتا يېڭىش-يېڭىلىشنى بەلگىلەيدىغىنى ھەمىشە ئۇرۇشقا پەيتتىكى نەچچە سائەت خالاس. بۇنداق ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشنىڭ ئالاھىدىلىكى يۇقىرى سىجىللىق، يۇقىرى زىچلىق ۋە قىسقا ۋاقىت بولۇپ، چېتىلىدىغان دائىرىسى قورال-ياراق سىستېمىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىشى بولۇپلا قالماستىن، ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي سىستېمىسى ئارىسىدىكى كۈچ سىنىشىشتۇر.

مەلۇم بىر تەرەپنىڭ بۇ بىر مەيدان يۇقىرى تېخنىكىلىق قىسمەن ئۇرۇشتا غەلبە قىلىشىدا، ئالدى بىلەن ھاۋانى كونترول قىلىش ھوقۇقى، دېڭىزنى كونترول قىلىش ھوقۇقى ۋە قاتناشنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك، بولمىسا ئۇرۇشتا غەلبە قىلىش تۇرسۇن، ھەتتا بۇ ئۇرۇشنى قىلىش ئىقتىدارىمۇ تېخى ھازىرلانمىغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، دۆلەت زېمىنىدىن يىراق رايوندا ئۇرۇش قىلىشتا ئاخبارات، قوماندانلىق، كونترول قىلىش، ئالاقە، تور، كومپيۇتېر قاتارلىق ئىقتىدارلاردىن سىرت، يەنە ئۈچ مۇھىم ئامىل يەنى جۇڭگو ئارمىيىسى تەكىتلەيدىغان «جەڭگاھ قۇرۇلىشى»، جەڭگاھ مۇھىتى ۋە ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش تەجرىبىسىدۇر.
ئاتالمىش «جەڭگاھ قۇرۇلىشى» يەرلىكنىڭ يەر شەكلى، دېڭىز ۋە ھاۋا بوشلۇقىغا چېتىلىدىغان ھەر خىل ئامىللارغا بولغان چۈشەنچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىرى دۆلەت ئىچى «جەڭگاھ قۇرۇلىشى» بىلەن شوغۇللانغاندا، «يەر شەكلىگە قاراش» بىر مۇھىم ھالقا، يۇقىرى دەرىجىلىك گېنرال بولغان تەقدىردىمۇ خېلى ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئەمەلىي تەكشۈرۈش، سىناق قىلىدۇ. لېكىن جۇڭگو زېمىنىغا يىراق رايوننىڭ يەر شەكلى، دېڭىز، ھاۋا بوشلۇقىغا ئالاقىدار ھەر خىل ئامىللارنى چۈشىنىشتە، كونا برېتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، تەبىئىيلا جۇڭگو قوماندانلىرىنىڭ بىلىم ساھەسىدىكى بىر ئاجىزلىقىدۇر. 
جەڭگاھ مۇھىتى ھەم جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ بىر ئاجىز ھالقىسى. جۇڭگو زېمىنىغا يىراق رايوننىڭ ئۇرۇش قىلىش مۇھىتىدا قىسقىچە ئېيتقاندا ئۈچ مۇھىم ھالقا بار:
بىرىنچى جۇڭگونىڭ يەرلىكتە ھەربىي بازىسى بار يوقلىقى. ھەممىگە مەلۇم، جۇڭگونىڭ يەرلىكتە ھەربىي بازىسى يوق. بىر مەيدان يۇقىرى تېخنىكىلىق قىسمەن ئۇرۇش قىلىشنىڭ ئاساسىي شەرتىنى ھازىرلىمىغان. يېقىندا، ئامېرىكا ھەمدە ئىتتىپاقداشلىرى سېرىق دېڭىزدا كەڭ كۆلەملىك دېڭىز ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزدى، ياپونىيە، كورىيەدە ھەربىي بازىسى بولغانلىقتىن بۇلارغا تايىنىپ سېرىق دېڭىزغا كىرىشنىڭ ئاساسىي شەرتىنى ھازىرلىدى.
ئىككىنچى جۇڭگونىڭ يەرلىكتە كۈچلۈك ئىتتىپاقدىشىنىڭ بار يوقلىقى. جەڭگاھ ئەتراپىدىكى ئىتتىپاقدىشىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى غەلبە قىلىشتىكى ئىجابىي ئامىل. ئەگەر ئەتراپتىكى دۆلەت يامان نىيەتتە بولۇپ، يامان غەرەزدە دۈشمەن بىلەن بىرلەشسە، باشقا دۆلەتلەرمۇ پەقەتلا ئويۇن كۆرۈپ ئولتۇرسا، مۇبادا جۇڭگو مەغلۇپ بولسا، مەغلۇبىيەتتىن باشقىلار خۇشال بولسا ، ئۇرۇشتا قانداق غەلبە قىلغىلى بولىدۇ؟
ئۈچىنچى جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئاساسىي جەمئىيەت ھەمدە دۇنيادىكى بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقى چوڭ دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ياكى ھېچ بولمىغاندا بىتەرەپ تۇرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كەلتۈرەلمەسلىكىدۇر. 1982-يىلى 4-ئايدىن 6-ئايغىچە، ئەنگلىيە بىلەن ئارگېنتىنا مالۋىناس ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىپ ئۇرۇشتى. بۇ مەزگىلدە، ئامېرىكا ۋە ش ئا ئە ت دىكى دۆلەتلەر دىپلوماتىيە ۋە سىياسىيدا ئەنگلىيەنى قوللىدى، ئامېرىكا ئارقا سەپ كاپالىتى، ئالاقە ۋە سۈنئىي ھەمرا ئاخباراتىدا ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى داۋاملىق قوللىدى، بۇنىڭ ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مالۋىناس ئارىلى ئۇرۇشىدا غەلبە قىلىشىدا ئوينىغان رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئەگەر جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە جۇڭگو زېمىنىغا يىراق رايوندا ئۇرۇشۇپ قالسا، خەلقئارا جەمئىيەت ھەمدە دەرىجىدىن تاشقىرى بىردىنبىر چوڭ دۆلەت ئامېرىكىنىڭ مەيدانى قانداق بولدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئەمەلىي ئۇرۇش تەجرىبىسىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئازادلىق ئارمىيە ھەرگىز ئەنگلىيە ئارمىيىسىگە يەتمەيدۇ. ئەنگلىيە ئامېرىكىغا ئەگىشىپ ئامېرىكىنىڭ ھەر قېتىملىق ئۇرۇشلىرىغا ئاكتىپلىق بىلەن ماسلاشتى. ئامېرىكا يەر شارىۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قوزغىغاندىن بۇيان، ئەنگلىيە يەنە ئافغانىستان، ئىراق ئۇرۇشىغا تولۇق قاتناشتى ھەمدە سىپرۇس ۋە يېقىن شەرق، ئوتتۇرا شەرق رايونى ھەمدە باشقا چەتئەل زېمىنلىرىغا قوشۇن ئەۋەتتى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئارمىيىسى ئەزەلدىن چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇرۇشقا قاتنىشىپ باقمىدى، يۇقىرى تېخنىكىلىق قىسمەن ئۇرۇشتىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ، تەبىئىيلا ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش تەجرىبىسى كەمچىل.
ئاۋىئاماتكا جەڭ توپىنى ئېلىپ ئېيتساق، دۆلەت زېمىنىدىن يىراق رايوندا دېڭىز، ھاۋا ئۇرۇشى قىلىشتا چوقۇم بولۇشى كېرەك بولغان ئۆتكۈر قورال بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بۇرۇنلا ئەھمىيەت بەردى، نۆۋەتتە پەيدىنپەي جەڭگىۋارلىق كۈچىنى يېتىشتۈرمەكتە. ئەنگلىيە بولسا ھازىرغا قەدەر زامانىۋى ئۇرۇشتا ھەقىقىي ئۇرۇش قىلىش كۈچىگە ئىگە ئاۋىئاماتكىغا ئىگە بولۇپ باقمىدى. پىلانغا ئاساسەن 2020-يىلدىن بۇرۇن، ئەنگ؛ىيە 2 دانە ئاۋىئاماتكا ياسايدۇ، ھەر بىر ئاۋىئاماتكا 50 ئايروپىلان ئېلىپ يۈرەلەيدۇ. ئاۋىئاماتكىغا نىسبەتەن ئەنگلىيە بۇرۇنلا مەشغۇلات قىلىش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ بولغان ھەمدە ئامېرىكنىڭ تېخنىكا قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دۆلەت زېمىنىدىن يىراق رايوندا ئاۋىئاماتكا جەڭ توپىنى ئورۇنلاشتۇرغان ۋاقىتتا، ئەنگلىيە جۇڭگودىن بالدۇر چىقىپ بولغان.
يۇقىرىقىلارنى ئومۇملاشتۇرغاندا، چالمېرس پرافېسسورنىڭ ھۆكۈمىنىڭ يەنىلا ئاساسى بار.
شۈەن لىتەي قەلىمىدىكى مەزكۇر ماقالىنى ئانا تۇپراق تورى تەرجىمە قىلدى. ھەر قانداق توربەتنىڭ يۆتكىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.














