6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە 2014-يىللىق تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى تاپشۇرۇش كۆرسەتكۈچ ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنىدۇ. تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىنىڭ ئايلىق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى ئالدىنقى يىلدىكى 2624 يۈەندىن 2852 يۈنگە تەڭشىلىپ، 228 يۈەن ئۆسكەن. ئەڭ تۆۋەن تاپشۇرۇش كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى يىلدىكى 1140 يۈەندىن 1320 يۈەنگە تەڭشىلىپ، 180 يۈەن ئۆسكەن.
5-ئاينىڭ 27-كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگەللىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2014-يىللىق تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى تاپشۇرۇش كۆرسەتكۈچى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تەڭشەش ئىجرا قىلىنىپ، 7-ئاينىڭ 31- كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. 2014- يىللىق ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ خۇسۇسىي ۋە ئورگان تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 5% تىن تۆۋەن بولمايدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 12% تىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. يېڭىدىن خىزمەتكە قاتناشقان ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى كۆرسەتكۈچىگە تەڭشەپ كىرگۈزۈلگەن كىشلەرنىڭ شۇ ئايلىق مائاشىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ياكى ئەمەلىي تارقاتقان ئايلىق ئوتتۇرچە مائاشى ھېسابلاش ئۆلچىمى قىلىنىدۇ. ئورگان تاپشۇرىدىغان قىسىمى ۋە ئىشچى-خىزمەتچى خۇسۇسىيلار تاپشۇرىدىغان قىسىمى ئورگان مائاش تارقاتقان كۈنىدىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى مەخسۇس ھېساباتىغا تاپشۇرۇلىدۇ.
2014-يىللىق ئىشچى-خىزمەتچى خۇسۇسىيلار ۋە ئورگان تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى، تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش نىسبىتى 2013 -يىلدىكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2013- يىللىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 1320 يۈەن بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن مائاش ئالىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى تاپشۇرۇش كۆرسەتكۈچى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. يولغا قويۇلىدىغان تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتى 5% بولۇپ، ئورگان ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئايلىق تاپشۇرىدىغان ئەڭ تۆۋەن چەك جۇغلانمىسى 132 يۈەن بولىدۇ. 2013-يىللىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى ئايلىق تاپشۇرۇش كۆرسەتكۈچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى 11887 يۈەن بولغان. ئىجرا قىلىنىدىغان 12% لىك تاپشۇرۇش نىسبىتى بويىچە ئورگان ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئايلىق تاپشۇرىدىغان ئەڭ يۇقىرى چەك جۇغلانمىسى 2852 يۈەن بولىدۇ.
تاپشۇرۇش كۆرسەتكۈچى تەڭشىلىش ئورۇندالغاندىن كېيىن، يېڭى تاپشۇرۇش كۆرسەتكۈچى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇ يىللىق تاپشۇرۇش كۆرسەتكۈچىنى تەڭشەش خىزمىتى ئاخىرلاشقان ۋاقىتتا، ئورگانلار بەلگىلەنگەن مۇناسىۋەتلىك تەڭشەش ئۇچۇرلىرىنى دوكىلات قىلماي، شۇ سەۋەبتىن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى باشقا كەسىپلىرىنى بېجىرىشكە تەسىر يەتسە، مەسئۇلىيەتنى شۇ ئورگان ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.
بەلگىلىمە بويىچە ھەرقايسى ئورگانلار ئالدىنقى يىللىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ۋە خىزمەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرچە مائاشىنىڭ ئۈچ ھەسىسى چېكىدىكى بەلگىلىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا تەڭشەلگەن تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى يىللىق كۆرسەتكۈچى بېرىلمەيدۇ.