2014-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە فرانسىيە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى خاتىرىلەش موزىيخانىسى، فرانسىيە خەلق ئاۋىئاتسىيىسى ئۇچقۇچىلار ئىتتىپاقى قاتارلىق ئورۇنلار پارىژنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى 60 كىلومېتىر كېلىدىغان مانكس دەريا بويىدا ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسەتكەن بولۇپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى جەمئىي 50 دانە ھەرخىل كونا ئۇسلۇبتىكى ئايروپىلانلار ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش پائالىيىتىگە قاتناشقان بولۇپ، 20 مىڭ تاماشىبىننى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان.




