جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 22-ئىيۇندىكى خەۋىرى (ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى): سىنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىسىر سوتى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، سابىق پرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ 183 نەپەر قوللىغۇچىسىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ساقلاپ قالدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بادىيەمۇ بار.
بۇنىڭدىن سىرت، مىسىر سوتى ئىككى ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 جاۋابكارغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن سىرت 496 نەپەر جاۋابكارنى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
4-ئاينىڭ 28-كۈنى، مىسىرنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى مىنيا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى بادىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىدىكى مورسىنى قوللىغۇچى 683 نەپەر ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن، ئۇلار 2013-يىلدىكى نامايىشتا زوراۋانلىق ئىشلىتىش، ئوت قويۇش، ساقچىلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن، كېيىن ھۆكۈمنامە مۇفتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. بۇ قېتىمقى ھۆكۈم سوت مۇفتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنغاندىن كېيىن چىقىرىلغان.
ئىستاتىسىكىغا ئاساسلانغاندا، مىسىر دائىرلىرى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ 16 مىڭدىن ئارتۇق قوللىغۇچىسىنى تۇتقان، مورسى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك قوللىغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۆۋەتتە كۆپ قىسىم قولغا ئېلىنغۇچىلار سوراق قىلىنىۋاتىدۇ، جىنايەتلىرى جاسۇسلۇق پائالىيتى، قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە قۇترىتىش ۋە چىرىكلىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئانا تۇپراق تورى تەرجىمە قىلدى.