ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  پەن -تېخنىكا

ياپونىيە شىركىتى ماشىنا ئادەم بىلىكى ياساپ چىقتى

ۋاقتى : 2014-06-19  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

 
     جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 19-ئىيۇن خەۋىرى: سىنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى» نىڭ 19-ئىيۇن خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيەدىكى بىر شىركەت يېڭىچە پەن-تېخنىكا تەتقىق قىلىپ چىققان. يەنى تەپەككۇر ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان قوشۇمچە ماشىنا ئادەم يۈرۈشلۈكى ۋە ماشىنا ئادەم قول-پۇتلىرىنى ياساپ چىققان بولۇپ، ياشانغانلار، مېيىپلارنىڭ مېڭىشىغا ۋە ئىشچىلارنىڭ ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈشىگىمۇ ياردەم بېرەلەيدىكەن.
     18-ئىيۇن، ياپونىيە كاۋاساكى شەھىرىدىكى كۆرگەزمىدە، خىزمەتچىلەر بۇ تىپتىكى مېڭە ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان ماشىنا ئادەم بېلىكىنى كۆرگەزمە قىلغان ھەم قانداق قىلىپ تەپەككۇر ئارقىلىق ماشىنا ئادەم قول بىلىكىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
     بۇ خىلدىكى زاپچاسنى تاقىغاندىن كېيىن، تاقىغۇچى مۇسكۇلىنى ھەرىكەتلەندۈرمەكچى بولغاندا، مېڭىدە ئۆز قول-پۇتلىرىغا قارىتا ئۇچۇر تارقىلىدۇ. ماشىنا ئادەم زاپچاسلىرى تېرىدە ئېقىۋاتقان ئاجىز توك ئىمپۇلسىنى تەكشۈرۈپ، ئاندىن تەبىئىي قول-پۇتلارنىڭ ئۇسۇلىغا تولۇق ماسلاشقان ھالدا يۆتكىلىپ، تاقىغۇچى ئېھتىياجلىق بولغان تىرەش كۈچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تەرجىمىدە: نەفىسە 
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا