ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى – ناسا (NASA) تاشقى پلانىتلاردا ئىشلىتىش مەقسىتىدە ياساپ چىققان يېڭى بىر ماشىنا ئادەمنى تونۇشتۇردى.
بۇ ماشىنا ئادەم، ئاي شارى ۋە باشقا يېقىن ئەتراپتىكى پلانىتلاردا تەتقىقات خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.
ماشىنا ئادەمگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق كامېرادىن ئېلىنغان رەسىملەر كۆز بىلەن كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغان ماددا ياكى مۇھىتنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى كۈزىتىشتە ئىشلىتىلىدىكەن.
ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا تۇرىۋاتقان بۇ ماشىنا ئادەمگە يەنە ناھايىتى ئىلغار كامېرالار سەپلىنىدىكەن.
ماشىنا ئادەم، راكىتانىڭ ياردىمى بىلەن ئاي ۋە باشقا ھاۋا بولمىغان پلانتلارغا باشقا ئارتۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ياردىمىسىز قونالايدىكەن.
ھازىرغا قەدەر ھاۋا بولمىغان ئاي ۋە باشقا پلانتلاردا پاراشۇت ۋە يەل تورمۇزى قوللىنىش ئىمكانىيىتى يوق بولۇپ، بۇ ماشىنا ئادەم ھاۋاسىز پلانتلارغا بىخەتەر قونۇش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى قولايلاشتۇرالايدىكەن.