19 – دېكابىر كۈنى جۇڭگودى قويۇپ بېرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان دۆلىتىمىزنىڭ كۆكتۈرك 2 ناملىق سۈنئىي ھەمراھىنىڭ، ھاۋا شارائىتى تۈپەيلى ئالەم بوشلۇقى سەپىرىگە 18 دېكابىر كۈنى ئاتلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كۆكتۈرك 2 ناملىق سۈنئىي ھەمراھ ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىشى ئەنقەرەدە نەق مەيداندىن تەقىب قىلىنىدىكەن، ھەمدە ئوتتۇرا شەرق ئۇنىۋېرسىتېتى قورۇسىدىكى تۈركىيە ئىلمىي ۋە پەن – تېخنىكا تەتقىقات ئورگىنى ئالەم بوشلۇقى مۇئەسسەسەسىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مۇراسىمغا دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ ئىشتىراك قىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، كۆكتۈرك 2 ناملىق سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەر، ھەربىي ئاخبارات يىغىش، يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزلار، مۇھىت بۇلغىنىش، تەبىئىي ئاپەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلارغا دائىر ئانالىزلار قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدىكەن.