بىرلەشمە سەھەر گېزىتى
تورىنىڭ 20-ئاۋغۇست خەۋىرى: تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىشىچە، ئالما شىركىتى ئىككى خىل يېڭى iPhone نى بازارغا سالىدىغان بولۇپ، تەيۋەن تەمىنلەش سودىگىرىدىن كېلەركى ئايدا مال چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان.
ۋال كوچىسى گېزىتى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان خادىمنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، تەيۋەن خوڭخەي (鸿海) نازۇك سانائەت پاي چەكلىك شىركىتى رەسىمىي نۇسخىدىكى يېڭى iPhone ھەمدە ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاز بولغان باھاسى تۆۋەن نۇسخىدىكى iPhone ياساۋېتىپتۇ.
All Things Digital پەن
تېخنىكا تورى ئالدىنقى ھەپتە خەۋەر قىلىشىچە، ئالما شىركىتى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى يېڭى تىپتىكى iPhone نى چىقىرىپ، بازارنى قايتا قوزغىتىشنى پىلانلىغان.
ئالما شىركىتىنىڭ باياناتچىسى باھا بېرىشنى رەت قىلغان.
تەھلىلچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باھاسى تۆۋەن iPhone ئالما شىركىتىنىڭ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ياردەم بېرەلەيدىكەن.