بريۇسسېلدىن ئۇچۇش سەپىرىنى باشلىغان «قۇياش كۈچى-Solar Impulse» ناملىق قۇياش ئېنىرگىيىسى بىلەن ئۇچىدىغان ئايرۇپىلان پارىژ ئەتراپىدىكى بورگېت ئايرىدرومىغا مۇۋاپپەقىيەتلىك قوندى.
«قۇياش كۈچى-Solar Impulse» ناملىق بۇ ئايرۇپىلان كېلەر ھەپتە بورگېتتىكى 49- نۆۋەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئايروپىلان كۆرگەزمىسىگە «پەخرى مىھمان» سۈپىتىدە قاتناشتۇرىلىدىكەن.
«قۇياش كۈچى-Solar Impulse» ناملىق بۇ ئايرۇپىلان ئۆتكەن شەنبە كۈنىدىكى سىناق ئۇچۇشىدا مەيدانغا كەلگەن بىر قاتار مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ئۇچۇش سەپىرىنى باشلىغان ئايرىدرومغا قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان ئىكەن. ئايرۇپىلان ھاۋا شارائىتى ۋە باتارىيىلىرىدىكى ئېنىرگىيە مىقدارىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن نىشانغا يېتىپ بارالماستىن قايتىپ كەلگەن.
پەقەت بىر ئاپتوموبىل ئېغىرلىقى (1600KG) دەك ئېغىرلىقتا بولغان ئايرۇپىلاننىڭ قاناتلىرىنىڭ ئۇزۇنلىقى 63 مېتىر بولۇپ، تۆت موتۇرى بار ئىكەن. 24 سائەتلىك ئۇچۇش سىنىقىنى مۇۋاپپەقيەتلىك تاماملىغان «قۇياش كۈچى-Solar Impulse» نىڭ ئۈستى قىسمىغا 12 مىڭ تال قۇياش ئېنىرگىيە كۆنىكى – Solar Cell (ھەرە كۆنىكى شەكلىدىكى كېچىك ھوجرىلار ياكى كۆزنەكلەر) ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، باتارىيىلەرگە توك تولۇقلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.